خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» بەرپا قىلىشتىكى ئۆرنىكى- «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا»

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىنى جىددىي رەۋىشتە كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا تەدبىقلاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ تەشۋىقاتتىكى ئۆرنىكى يېقىندا بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق كىتابتا نۇقتىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ بىرلا «جۇڭخۇا مىللىتى» بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشىنى ئاشكارا قىلغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 3-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن چۆچەك شەھىرىدىكى 16 كىشىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى ھايات ھايات ھېكايىسى مۇھاكىمە قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ كىتابنى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خاتىرىسى» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى خې جيەنمىڭ (何建明) ئۆتكەن بەش ئالتە يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىغا تۆت قېتىم بېرىپ، بۇ كىتاب ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىغان. خەۋەردە يەنە بۇ كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسمىدىكى چۆچەك شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان 29 مىللەت كىشىلىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەندىزىسى» ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. كىتابتا يەنە 7 مىللەتنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئەبجەش قازاق ئائىلىسى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. دىققەت تارتىدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئائىلىدىكى خەن ليەن (韩莲) ۋە خەن بىڭ (韩兵) دەپ خىتايچە ئىسىم قويۇلغان ئاتالمىش «قازاق» قىزلارنىڭ چوڭ ئانىسى ئەسلىدە تيەنجىندىن چۆچەككە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خىتاي ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى رۇسلارغا تۇتۇشىدىكەن. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بۇ ئائىلىنى زىيارەت قىلغاندا، «ناھايىتى ئىقتىدارلىق» خىتاي ئۇلۇغ موما بىلەن قازاق ئۇلۇغ بوۋا قۇرغان بۇ كۆپ مىللەتلىك «خەن ئائىلىسى» (老韩家) ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەيدىكەن. ئۇلار، «كىشىلەر پەقەت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ! » دەيدىكەن.

نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» تەشەببۇسى، خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن ئىبارەت خىتايلارنى ئۆزەك قىلغان تەك ئۇلۇس دۆلىتى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا. مۇتەخەسسىسلەر «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مانا مۇشۇ تەشۋىقاتىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ، ئالدى بىلەن «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى:

«مېنىڭ بىلىشىمچە، خې جيەنمىڭ دېگەن بۇ كىشى ئىلگىرى ‹نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى› ناملىق كىتابى بىلەن پۈتۈن خىتايدا داڭق چىقارغان. بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، يەنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ خىتاي ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاتالمىش چولپان يازغۇچىغا ئايلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. مېنىڭچە، بۇ خىلدىكى يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي تەشۋىقاتىغا ئېھتىياجلىق ئەسەرلەرنى يازىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ تەبىئىي تېما تاللىشى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يېزىلغان بولماستىن، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. »

ئانالىزچى ما جۈنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مېۋىلىرىدىن بولغان ئانارنى يەنى، مېۋىسى دانە-دانە بولغان، ئەمما ھەر بىر توپى ئىچكىي پوستى بىلەن ئايرىقلىق بولغان ئانارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى قىلىشى، ھەتتا ئۇنى «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان» دەپ تەسۋىرلىشى، تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەن. ئۇ سۆزىدە خىتايدا مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە تەڭ ھوقۇقلۇقلۇقى مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا بۇ خىلدىكى ھېكايىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن:

«بۇ خۇددى ماۋ زېدۇڭنىڭ 1940-يىللاردا سۆزلىگەن ‹يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز› دىكى ئەدەبىيات-سەنئەت چوقۇم سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دېگىنىگە ئوخشاش ھادىسەدۇر. شۇڭا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەدەبىيات-سەنئەت تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ، مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇمۇ شى جىنپىڭنىڭ ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› بەرپا قىلىشتىكى نىشانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئەسەرلىرىدە يەرلىك خەلقلەرنى ئۆز مىللىتى ھەققىدە سۆزلىمەيدىغان، پەقەتلا ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى› سۈپىتى بىلەن سۆزلەيدىغان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، خالاس.»

سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاۋازلىق نۇسخاسى بۇ يىل 2-ئايدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە چۆچەكتىكى ئۇنىۋېرسال ئاخبارات مەركىزىنىڭ رەسمىي دوۋيېن ھېساباتى قاتارلىق كۆپ خىل سۇپىلاردا تارقىتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخاسى «ئەنگلىيە يېڭى كىلاسسىك نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىكەن. خەۋەردە يەنە «ئانار گۈلى ئېچىلغاندا» تىپىدىكى ھېكايىلەرنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ ھېكايىلەرنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

«بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ‹ئاشقۇنلۇق›، ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹تېرورلۇق› دەپ جار سېلىۋاتقان ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل كۈچ› نى باستۇرۇشتا يولغا قويغان قاتتىق قول تەدبىر-سىياسەتلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قوللانغان تەدبىر-ئۇسۇللىرى غەرب بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇ خىتاينىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن تەشۋىقات ھەرىكىتى بولۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن سىياسەت دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. »

سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ كىتاب ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشۋىقاتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا ئانالىزچى ما جۈ يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.