خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا «ئۇيغۇر ئائىلە ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» ھەمدە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «تەشكىللىك باسقۇنچىلىق»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پارچىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئەمدىلىكتە بۇ سىياسەتنىڭ ھەتتا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى «ئانار گۈلى پىلانى»، يەنى «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى تېپىش» يازما ھۆججىتى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە «قوشماق تۇغقان ئوبيېكتى تېپىش» يازما ھۆججىتى چىقىرىلىشى بىلەن، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇرما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى پۈتۈن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى تېپىش» قا ئاۋاز قوشقان. بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن مەھلىيا مەخمۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 قا يېقىن بالا پۈتۈن خىتاي بويىچە 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 30 نەچچە شەھىرىدىكى بىر قىسىم شەخس، ئائىلە ۋە كوللېكتىپ بىلەن 36 جۈپ «ئانار گۈلى» تۇغقان بولۇپ قوشماقلاشقان ئىكەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغ چىگەتۇغ كەنتى ئىلگىرى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. «ئانار گۈلى پىلانى» نى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-پارتكوم سېكرېتارى جۇ پېڭچېڭ «گەرچە نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كەنتتىكى بىر قىسىم ئائىلىلەر يەنىلا باي-باياشات ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ كەنتتىكى بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشىشنى، پۇرسەت بولسا ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ،» دېگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار بىلەن «تۇغقانلاشقان» نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۆزئارا تېلېفونلاشقانلىقى، بەزى «تۇغقانلاشقان» خىتاي ئائىلىلەرنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ بالىلارنى يوقلاشنى پىلانلىغانلىقى ئېيتىلغان.
ئەمما خەۋەردە تېخى مەكتەپ، ھەتتا يەسلى يېشىغىمۇ توشمىغان بالىلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن باشقا ئائىلە ياكى خىتايلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە موھتاج بولۇپ قالغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن، بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمۇ دېيىلمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، «3 ئايرىلالماسلىق» سىياسەتلىرىنى2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر-خىتاي «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى ئارقىلىق يەنىمۇ ئالغا سۈرگەن بولسا، دائىرىلەر يەنە 2017-يىلىدىن باشلاپ بىر مىليون 200 مىڭدەك خىتاي كادىرىنى «تۇغقانچىلىق» نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ سىياسىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر نارەسىدە بالىلىرىنى نىشان قىلغانلىقى، ئاتالمىش «ئانار گۈلى پىلانى» ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى، كۆزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە.
كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەبىي بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار بىلەن بىۋاسىتە «تۇغقانلاشتۇرۇشى»، خىتاينىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئەمىلى بىر مىسالى، دېدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەردە ئېيتىلغان بىر مىللەت ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش» سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ جەرياندا خىتاي كادىرلىرىنىڭ «تۇغقانلاشقان» ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە غىزالىنىش، بىللە تۇرۇش، بىللە ئەمگەك قىلىش ۋە بىللە ئۆگىنىشنى سىستېمىلىق داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
ھالبۇكى زۇمرەت داۋۇت، قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي تۇغقانلاشتۇرۇلغان خىتايلار تەرىپىدىن ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەر ۋە ھاراق-شاراپلارغا مەجبۇرلانغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لىرىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، دېدى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا، ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.