«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قارا دېڭىز شەھەرلىرىدە قىزغىن قارشى ئىلىشقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-10-05
Share
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قارا دېڭىز شەھەرلىرىدە قىزغىن قارشى ئىلىشقا ئېرىشتى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدا ئىنتايىن قىزغىن داۋاملاشماقتا. 2021-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Azigh

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى 17-سېنتەبىر كۈنى سىۋاستا باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە پائالىيەت تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدا ئىنتايىن قىزغىن داۋاملاشماقتا.

پائالىيەتچىلەر بۇ قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى خەلققە نەق مەيداندىن ئاڭلىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، رىزە، تىرابزۇن، ئوردۇ، ئاماسيا ۋە سامسۇڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر قىزغىن قارشى ئىلىشقا ۋە يەرلىك خەلق تەرىپىدىن قىزغىن قوللاشقا ئېرىشكەن.

مەزكۇر شەھەرلەردىكى يەرلىك پۇقراۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئاۋاز قوشقان.

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدا ئىنتايىن قىزغىن داۋاملاشماقتا. 2021-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ۋە مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رىزە، تىرابزۇن، ئوردۇ قاتارلىق قارا دېڭىز رايونىدىكى شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتچىلەر مەزكۇر شەھەرلەردىكى خەلق مەيدانى ۋە شەھەر باغچىلىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك تارتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتقان. ئۇنىڭدىن باشقا پائالىيەتچىلەر خەلق مەيدانلىرىدا ۋە مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى» چۈشەندۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان ۋە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان.

پائالىيەتچىلەر مەزكۇر شەھەرلەردىكى جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىي شەخسلەر ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن ياخشى كۈتۈۋېلىنغان.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاماسيادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك خەلقىگە بىرىنچى مەنبەدىن بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ۋە تۈركىيەنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى تونۇشى ئۈچۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. نۆۋەتتە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، ھەر خىل تەشۋىقات ۋە نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت