ئانجىلا مېركىل گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل بۇ يىل 8-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى 16 يىللىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق سەھنىسىگە چىقىشى ئۈچۈن ئورۇن ھازىرلاپ بەردى. مەركىل ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشقانسېرى گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاخبارات ساھەسى ئۇنىڭغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ تۈپ نېگىزىدا مېركىل ۋە مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ئورۇن ئالغانىدى.

6-ماي «كۈندىلىك كۆزنەك» گېزىتى ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن زادى قانچىلىك بەدەل تۆلىيەلەيدۇ؟» ناملىق ماقالىدا ئانجىلا مېركىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ۋە خوڭكوڭدىكى خىتاي مۇستەبىتلىكىگە كۆز يۇمۇۋالغانلىقى، خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولغانلىقى ئۇنىڭ زور خاتالىقلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانىدى.

9-ماي «دۇنيا گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «ئانجىلا مېركىلنىڭ خىتاي خامخىيالى» ناملىق ماقالىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن توڭلىتىۋېتىلگەن «ياۋروپا – خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» توغرىسىدا يېقىندا مېركىلنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى قايتىدىن تىلغا ئالغانلىقى قاتتىق تەنقىدلەنگەن. ماقالىدا «ئانجىلا مېركىلنىڭ خىتاي خامخىيالى» غا قارشى ھالدا ئالدىنقى ھەپتە تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى، خىتايدىن خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىش قاتتىق تەلەپ قىلىنغانلىقى، «مېركىلنىڭ تاۋۇزىنىڭ قولتۇقىدىن چۈشكەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

10-ماي «كۈندىلىك كۆزنەك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەن نېمىشقا ئەمدى خىتايغا بارمايمەن» ناملىق ماقالىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار سەۋەبلىك خىتايغا جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭمۇ قايتۇرما جازا يۈرگۈزگەنلىكى، مېركىل ۋە مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ جازاسىغا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ ئىنتايىن «نومۇسسىزلىق» بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئاپتور تورىستېن بېننېر ماقالىسىدە، 2018-يىلى 10-دېكابىر ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئوچۇق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى، يىغىنغا خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ «شىنجاڭدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» بۆلۈمىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قائىدە چېگراسىدىن ھالقىپ ئېچىلىپ – يېيىلىپ سۆزلىگەنلىكىنى، ئاقىۋەتتە بۇ يىغىندا پىكىر بايان قىلغان كانادالىق دىپلومات ۋە تەتقىقاتچى مىخائىىل كوۋرىكنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتا بېرىش يولىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر ۋەھشىي بىر ھاكىمىيەتكە دوستلۇق قولىنى سۇنۇشىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھەممىدىنمۇ دىققەتنى چېكىدىغىنى 10-ماي كەچتە «جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» نىڭ «بۈگۈنكى ئويۇن» پروگراممىسىدا مېركىلنى مەسخىرە قىلىپ ئىشلەنگەن بىر فىلىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى بولدى. فىلىمدا مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي بىلەن ئىمزالىغان 212 مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەرزىمەيدۇ» دېمەكچى بولغانلىقى ھەجۋىي ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلىنغان. فىلىمدا يەنە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، تۇغۇت چەكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئەمەلىي سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلىپ، ئانجىلا مېركىلنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەرگە كۆز يۇمىۋېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ رېئاللىققا پەرۋاسىز ھالدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقى تەنقىدلەنگەن.

جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى، ئېتىزلاردا كېۋەز تېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات كۆرۈنۈشلىرى، ساقچىلار تەرىپىدىن قەدەمدە بىر تەكشۈرۈلۈۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ فىلىمدا يەنە، شى جىنپىڭنىڭ مېركىلگە «باشلىق مەن، سەن ئەمەس» دېگەن سىگنالنى بەرگەنلىكى، مېركىلنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى شەكىل نۇقتىسىدىنلا تىلغا ئېلىپ كەلگەنلىكىى يورۇتۇپ بېرىلگەن. فىلىمدا 13 مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە «تېررورىستلار» تىزىملىكىگە ئېلىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلانغانلىقى، ئۇيغۇر بولغانلىقنىڭ گۇناھ سانىلىپ لاگېرلارغا قامىلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇشۇنداق ئېغىر پاجىئە ئالدىدا غەرب سودا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىلنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىشىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 17-ماي گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئانجىلا مېركىل ئۈچۈن ئاخىرقى سىناق ھېسابلىنىدىكەن. مېركىل 16 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش جەريانىدا خىتاينى 13 قېتىم زىيارەت قىلغان. ئۇ يەنە بۇ يىل 8-ئايدا ھوقۇقىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بىلەن خىتاينى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. مۇبادا ئۇ 17-مايدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىغا توسقۇنلۇق قىلمىسا، خىتاينى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلىشى خامخىيالغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.