تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە 25-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «Korkutan Fight Night» (قورقۇنچلۇق جەڭ كېچىسى) نامىدىكى تايلاندچە جانبازلىق مۇسابىقىسىگە ئىستانبۇلدىكى ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدا چېنىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن ئابدۇللا ئېلى، مۇھەممەد سالىھ ئاتامان، مۇھەممەد فەتىھ، ئابدۇلباسىت ۋەتەنسەۋەر، ئابدۇلئەھەد ۋەتەنسەۋەر قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ماھىر قاتنىشىپ رەقىبلىرىنى يۇقىرى نومۇر بىلەن يېڭىپ ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئىستانبۇلدىكى ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى خالىد ئاتامان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ جەريانى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇسابىقىگە ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدا چېنىقىۋاتقانلاردىن بىر تۈرك، بىر ئافغانىستانلىق ئۆزبېك بولۇپ، جەمئىي 7 نەپەر ماھىر قاتناشقان، بۇلاردىن 5 نەپەر ئۆسمۈر ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مۇسابىقىدە مۇھەممەد سالىھ ئاتامان، ئابدۇلباسىت ۋەتەنسەۋەر ئۇنىڭ قېرىندىشى ئابدۇلئەھەد ۋەتەنسەۋەر ۋە مۇھەممەد فەتىھ قاتارلىق تۆت نەپەر ماھىر ئۇتۇق قازىنىپ ئالتۇن ھەللىك كەمەرگە ئېرىشكەن.
خالىد ئاتاماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇسابىقىگە ئەزەربەيجان، ئىران، ئافغانىستان، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ماھىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە 3 مىنۇتتىن 3 قېتىم ئوينىلىدىغان مۇسابىقە ئىكەن. مۇسابىقىدە رەقىبىگە كىم كۆپ مۇشت ئورغان بولسا ئاخىرىدا ھېسابلىنىپ شۇ ئۇتقان بولىدىكەن.
ئۇيغۇر ماھىرلار مەيدانغا كىرىشتە ۋە رەقىبىنى يېڭىپ نەتىجە ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا دوپپا ۋە كانۋاي كۆڭلەك قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى سەھنىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ لەپىلدىتىشى تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
«Korkutan Fight Night» (قورقۇنچلۇق جەڭ كېچىسى) نامىدىكى تايلاندچە جانبازلىق مۇسابىقىسى شۇ كۈنى Sports TV قانىلى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
خالىد ئاتامان بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ماھىرلارنىڭ تالانتى، جاسارىتىنى سىناپ بېقىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا مۇسابىقىدە بالىلارنىڭ چىداملىقى ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغانلىقىنى ھەم كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خالىد ئاتامان سۆزىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى چېنىقتۇرۇشتا جانبازلىق بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى كېكبوسك، بوكىس ۋە باشقا تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ چېنىقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ ئۇتۇق قازانغان ئابدۇلباسىت ۋە ئابدۇلئەھەد قاتارلىق ماھىرلارنىڭ دادىسى ئابدۇلھەمىد ۋەتەنسەۋەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلھەمىد ۋەتەنسەۋەر ئەپەندى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ قاتناشقان بولۇپ، ئىككى ئوغلىنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ۋە ئوغۇللىرىدىن ئۈمىدلەنگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھەمىد ۋەتەنسەۋەر ئەپەندى ئىككى ئوغلىنىڭ چېنىقىش جەريانى توغرىسىدا توختالدى.
بىز يەنە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە غەلىبە قازانغان ئابدۇلئەھەد ۋەتەنسەۋەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان چېنىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە غەلىبە قازانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تۆت ئاي ئىلگىرى ئېسەنلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە غەلىبە قازانغانلىقىنى، يەنە 4 ئايدىن كېيىن بىر مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چىڭ تىرىشىپ چېنىقىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ-چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە كۆك بايراقنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىگە تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.