ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 7-ماي خىتاي مەنسەپدىشى ۋاڭ يى رىياسەتچىلىك قىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىبلىگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىلىنكېن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەرلىك پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
بىلىنكېن مۇنداق دېگەن: «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە ئىنسانلارنى قۇل قىلىش، قىيناش، غايىب قىلىۋېتىش، ئۆزئۆز خەلقى ئۈستىدىن ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش، ياكى ھەرقانداق باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھوقۇقى بەرمەيدۇ.»
بىلىنكېن خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاشكارا ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتايغا قارىتىلغان ئىكەن.
2-ماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن CBS تېلېۋىزىيە قانىلىغا قىلغان سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكلىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەققىدە خەلقئاراغا بەرگەن بۇ ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.