ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا سۇ دەرۋازىدىكى ئوت ئوتكەن مەسچىتنىڭ ئورنىغا يېڭى مەسچىت سېلىشنى غۇلجىدىكى ئەلسۆيەر سودىگەرلەردىن ياقۇپ ھاجى بىلەن سەلىم ھاجى تالىشىپ قالغان. جامائەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئىككىسى ئورتاق دەسمايە چىقىرىپ، 4 مىليون يۈەنچە مەبلەغ بىلەن «ئاق مەسچىت» نامىدا يېڭىدىن بىر مەسچىت سالغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئاكتىپلىقى 2017-يىلىغا كەلگەندە «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، ئۇلار يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىنغان. ئۆتكەن يىلى يىغىلىۋېلىش لاگېرىدىكى بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوتسىز ھۆكۈم چىقىشقا باشلىغاندا بۇ ئىككى ساخاۋەتچىنىڭ ھەر ئىككىسى كېسىۋېتىلگەن.
ئۇيغۇر رايونىدىن يېقىندا چەتكە چىققان ۋە غۇلجا ۋەزىيىتى ھەققىدە رادىيومىزغا يازما مەلۇمات يوللىغان بىر تىجارەتچىنىڭ بايان قىلىشىچە، غۇلجا سۇ دەرۋازىدىكى ئەسلىدىكى ئوت كەتكەن مەسچىتنىڭ ئورنىغا 2006-يىلى ئاق مەسچىتنى بىنا قىلغان ئەلسۆيەر سودىگەرلەردىن ياقۇپ ھاجى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دېيىلىشىچە، سەلىم ھاجىمۇ كېسىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ جازا مۇددىتى مەلۇم ئەمەس. غۇلجادىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ياقۇپ ھاجى ۋە سەلىم ھاجىلارنىڭ جازا ھۆكۈملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، بۇ يىل 45 ياشلار چامىسىدىكى ياقۇپ ھاجى 2017-يىلى 5-ئايدا بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قويۇۋېتىلگەن. 2018-يىلى 3-ئايدا ئىككىنچى قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەن. ھەر ئىككى قېتىملىق تۇتۇلۇشىدا ئۇنىڭ 2006-يىلى ئاق مەسچىتنى سېلىشقا ئىئانە بېرىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى سەۋەب بولغان، يەنى بۇ تەشەببۇسكارلىق دىنىي جەھەتتە «ئەسەبىيلىشىشنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەرلەردە قايسى دىنىي زاتلاردىن تەلىم ئالغانلىقى ئىزچىل سوراق قىلىنغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ياقۇپ ھاجىنىڭ غۇلجا شەھەر قازانچى مەھەللىسىدىن ئىكەنلىكى ۋە غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار ساقچى خادىمى ياقۇپ ھاجىنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بەرمىدى، ئەمما ئۇنىڭ شەرقىي شىنخۇا يولى (شىنخۇا دوڭلۇ) تەۋەلىكىدىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر ساقچى خادىمىمۇ ياقۇپ ھاجىنى تۇتقۇن قىلغان ساقچىخانا ھەققىدە يۇقىرىقى جاۋابنى تەكرارلىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى غۇلجادىكى «ئەلقەسىر» رېستورانىنىڭ ساھىبى سەلىم ھاجىنىڭمۇ ئاق مەسچىتكە ئىئانە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا سەلىم ھاجىنىڭ كېسىلگەنلىكى تېخى دەلىللەنمىدى.
ياقۇپ ھاجى بىلەن بىلەن ئىلگىرى تىجارەت سەپەرلىرىدە بىللە بولغان قازاقىستاندىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ياقۇپ ھاجىنىڭ تىجارىي ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياقۇپ ھاجى مەشھۇر ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىنىڭ شېرىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بىر مەھەل غۇلجا ناھىيەسىدە ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر ئەرەب ئۆي بېزەك شىركىتىگە پاي قوشۇپ، مەككە ۋە مەدىنەلەردىمۇ سودا قىلغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە غۇلجادا تۇتقۇن قىلىنغان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ساخاۋەتچى سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى قانچە چوڭ، ساخاۋەتتىكى تەشەببۇسكارلىقى قانچە كۈچلۈك بولغانلىرى شۇنچە بالدۇر تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر كېسىۋېتىلگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا غۇلجادىكى «نۇرتاي ئىسكەندەر يېتىم بالىلار مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى نۇرتاي ھاجىم، تۇرپانيۈزى «ئۈمىد مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.
0:00 / 0:00