ھېنرىك شاجېسكى: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاق تاشلىق كىتابى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان جىنايەت تەدبىرلىرىدىن ئىبارەت»

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىدىغان كۈنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى « خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغانلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23 كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەشنى ۋە قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى دەپ قارايدۇ. خىتايدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇق قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ».

بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىدىغان كۈنىدە ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتقانلىقى مەلۇم. جەنۋەدىكى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.

بۇ يىغىندا خىتايغا قارىتىلغان كۆپلىگەن تەنقىدلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشكەن. خىتاي دەل مۇشۇ كۈندە، ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewski) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغانلىقنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىدىغان كۈندە، خىتايغا قارىتىلغان نۇرغۇن تەنقىدلەر خىتاينىڭ ئىنسانلارنى لاگېرغا سولىشى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشكەنىدى. شۇڭا بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئېنىقكى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يەردە بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە، بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى. بۇ ناھايىتى ئىستراتېگىيەلىك. ئېسىڭىزدە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى، 2016-يىلى 2-ئايدا يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئېلان قىلغان، ئاندىن شۇ يىلى، يەنى 2016-يىلى 9-ئايدا، دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويدى. 2019-يىلى 9-ئاي، بىزگە ئايان بولغىنىدەك، 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان ۋاقىت بولدى».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى ھەققىدە كۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دېموكراتىك دۆلەتلەر تەشەببۇس قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بىلەن خىتاينىڭ جار سېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كۆپ پەرقلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان تۇغۇلۇشى بىلەنلا بار بولىدىغان ھەقلىرىنى بەرمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن ئەركىن پىكىر قىلىش قاتارلىقلار.»

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ھەقىقىي تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. خىتاي قانۇننى ئاساس قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ھەمدە خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە شەرتنامىلەرنى تۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا قاتناشتى ۋە ئاكتىپ رول ئوينىدى».

ھالبۇكى، ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە خىتاي زۇلۇمغا قارشى چىققان سىياسىي ۋە قوراللىق ھەرىكەتلىنىڭ ھەممىسىنى تېررور دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ جازالاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى پائالىيەتلەرنى خەلقئارا تېررور كاتېگورىيەسىگە ئېلىپ كېرىپ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنى يوقىتىشىنىڭ كويىدا».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە خىتاي زۇلۇمغا قارشى چىققان ھەرىكەتلەرنىلا تېررور دەپلا قالماي، چەتئەلدە مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولمىغان ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىمۇ دۆلەت ھالقىغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغان خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ جاكارلاپ، بۇ تەشكىلاتنى خىتاي ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ جار سالغانىدى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بىلەن «‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بولمىغانلىقى» سەۋەبلىك ئۇنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ 2024-يىلى 23-يانۋاردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

«ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ قانۇن رامكىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. بۇ، خىتاينىڭ ھەم تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشنىڭ، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەستايىدىل ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشنىڭ قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچى پرىنسىپ بىلەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ھالبۇكى ھېنرىك شاجېسكى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ سۆزلىرى رەددىيە بېرىپ، ئۇ ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى يەكۈنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ۋاڭ ۋېنبىننىڭ دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش ھەققىنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دېمەكچىمەنكى، بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈپ دېيىلگەنلەر پەقەت ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟ ياق، بىلگىنىمىزدەك، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان جىنايەت تەدبىرلىرىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، بىز ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇت چەكلەشكە ئائىت يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرگە قارىساق بۇنى ئېنىق بىلەلەيمىز. ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى يەكۈنلىدى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھوقۇق خىتاينىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ۋە ئىزاھ بېرىشىدىن پەرقلىق. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى چۈشەندۈرۈشىگە ۋە ئىزاھاتىغا قوشۇلمىدى. مېنىڭچە، ۋاڭ ۋېنبىننىڭ دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا دەرس سۆزلەش سالاھىيىتى يوق».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ‹كۈرىشى› ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنڭ باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي كونترول قىلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويدى. مېڭە يۇيۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى يالغان سىياسەتلەر كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىككى ھەسسە كۆپىيىدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كونترول ئېلىپ كېلىدۇ.»