خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا قۇرۇشىدىكى لاگېر «مەكتەپ» لىرى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشى ھەمدە ئۇلارنى ئىنسانىيلىقتىن تولىمۇ يىراق شەكىلدە قىيناق ۋە كونتروللۇققا ئېلىشى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خەلقئارالىق مۇھاكىمە سورۇنلىرىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. تاشقى دۇنيانىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا لاگېرلارنى ئاقلاش مەزمۇنىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدى ۋە مەسخىرىسىگە دۇچ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى بەزىلەر «ئاق تاشلىق كىتاب› قا يوشۇرۇنغان ‹ئاق تاشلىق يالغانلار›» دەپ ئاتىغان بولسا، يەنە بەزىلەر بۇنىڭ كونىراپ كەتكەن ئالدامچىلىق ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئەنگلىيەدىكى
«كودا ھېكايىلىرى» ئاخبارات مەركىزىنىڭ خادىملىرىدىن زوبېل كوكرېل خانىم بولسا بۇنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۇرۇنۇشى» دەپ قارايدۇ.

ئىزوبېل خانىم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا قۇرۇش دەۋاسى» ناملىق ماقالىسىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەنىۋىيەت دۇنياسىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىسلام ئېتىقادىنى باش نىشان قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە «ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەن ھالدا ئىلاجسىز قوبۇل قىلغان. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تاشقى دۇنيادىن مەجبۇرىي تېڭىلغان دىن» دېگەننى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق ھادىسىلەرنى، جۈملىدىن دىنىي لىباسلار، دىنىي ئىسىملار، مەسچىت-خانىقالار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى يوقىتىپ ماڭغان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «قايتا قۇرۇش، دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشىمدە بۇ ئاتالغۇنىڭ كەينىگە قانداق مەزمۇنلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئويلاشتىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹ئاق تاشلىق كىتاب› ئۇلارنىڭ ‹مەكتەپ› نامىدىكى ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشىدىكى ئەڭ چوڭ ۋاسىتىلەردىن بولۇپ قالدى. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت دۇنياسىدا بىر ئومۇمىي كېسەللىك ۋىرۇسى مەۋجۇت، بۇنى تېزدىن داۋالاش لازىم، دەيدىغان چۈشەنچىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قىزىق بولغىنى، بۇ ‹ئاق تاشلىق كىتاب› تا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس دىن ئەمەس، بەلكى قورال كۈچى ئارقىلىق مەجبۇرىي تېڭىلغان دىن، دېگەن پىكىرنى بەكرەك تەكىتلىگەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ‹بىز سىلەرگە مەجبۇرلانغان بۇنداق بىر ئىدېئولوگىيەنى تازىلاش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە سىلەرگە ياردەم قىلىۋاتىمىز› دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش› كۈرىشىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى دەلىللەشنى كۆزلەيدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىشنى تۈپ نىشان قىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاندىقى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ: ئۇلار ئىسلام دىنى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئىسلام تۇيغۇسىدا ياشايدۇ، ئىسلام بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنى ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلىش پەقەتلا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ 99 پىرسەنتى بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي ئۇزاقلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىگە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن يالغۇز تەشۋىقات ۋاسىتىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كىملىكى، دىنىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن تاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار لاگېرلارنى كۆپلەپ تەسىس قىلغان. لاگېرلاردىكى «مېڭە يۇيۇش» مۇ دەل مۇشۇنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلغان. بۇ لاگېرلاردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا بۇ جايلارنىڭ تۈرمىگە ئوخشاش ئىكەنلىكى ئېيتىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ كەلمەكتە. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ «لاگېردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋەتتۇق» دېيىشكە بېرىپ يەتكەن. ھالبۇكى، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق ھايات شاھىتلار بولسا بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ كەلمەكتە.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدىغان بىر نۇقتا بولسا گۈلباھار جېلىلوۋا قاماقتىكى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن. شۇڭا ئۇنىڭ كەچمىشلىرى بىلەن لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى پەرق قىلىدۇ. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› دەپ ئاتىلىۋاتقان جايلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ 90 پىرسەنتىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما لاگېرلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا بۇ كىشىلەر قويۇۋېتىلگىنى يوق. ئەكسىچە، بىر خىل تۇتۇپ تۇرۇش شەكلىدىن يەنە بىر خىل تۇتۇپ تۇرۇش شەكلىدىكى قاماققا يۆتكەلگەن. گۈلباھار جېلىلوۋا دەل بۇنىڭ مىسالى. بىزگە مەلۇم بولغان يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، تۇتقۇن نىشانى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز مەھەللىسىدە، ئۆز شەھىرىدە نەزەربەند قىلىنىشى دېگەنلەر ھازىر ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان. مانا مۇشۇنداق ‹گۇمانلىق› دەپ قارالغان سانسىز كىشىلەر خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن سىستېمىسىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقتىن دۇنيانىڭ لاگېرلار ۋە ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› ھەققىدىكى چۇقانلىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. مانا مۇشۇ چۇقانلارنى جىمىقتۇرۇۋېتىش مەقسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ھەممەيلەننى قويۇۋەتتۇق› دەپ قويۇپ تېزدىن تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر تۇتۇپ تۇرۇش شەكلىگە يۆتكەشكە كىرىشمەكتە.»

ئىزوبېل خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيەت ۋە كىملىك چەمبىرىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئاشۇ خىل كىملىك چۈشەنچىلىرىنى داۋام ئەتكۈزىدىغان مائارىپ ساھەسىنى كونترول قىلىشىدا تېخىمۇ ئاشكارا ئىپادىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرچە تىل ۋە يېزىقنىڭ مەنئى قىلىنىشى بولسا بۇنىڭدىكى بىر مىسال، خالاس. ئۇ زىيارەت قىلغان شاھىتلاردىن بىرى ئاكىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساقچى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىشى ئاخىرى ئاكىسىنىڭ ھۆركىرەپ يىغلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

«بىز ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قانداق پاجىئەلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ھالبۇكى، بۇ ئىشلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقىنى سېپى ئۆزىدىن زور كۆلەمدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ باشقا سەھىپىلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا يوقىتىشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەلىكتە شاھىتىنىڭ ئىسمى ‹مۇيەسسەر مىجىت› دېگەن نامدا بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاكىسى ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغان ھەمدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيناشقا سېلىنغان. ئەمما ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۇ ھەرقاچان تامنى مۇشتلاپ يۇم-يۇم يىغلاپ كېتىدۇ. سىڭلىسى بۇنى بايقىغان بولسىمۇ، سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ساقچىلارنىڭ لاگېردىكىلەرنى قانداق قىينايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغان. شۇنداق قىلىپ مۇيەسسەرنىڭ ئاكىسى مۇشۇ تەرىقىدە كۆز يېشىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە كىتاب ئىشكاپىنىڭ قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ سىڭلىسى بىلەن بىرلىكتە يىللاردىن بۇيان توپلىغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرچە تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر كىتابلارنى دائىرىلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ھەرىكىتى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتلىرى بىر قىسىم ساددا كىشىلەرنى ئالدىيالىغان بىلەن ھەقىقەتنى يوشۇرالمايدۇ،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.