ئانالىزچىلار: «‹شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى› نى ئۆگىنىش دولقۇنى ‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتلەر سەۋەبىدىن بولدى»

0:00 / 0:00

17-نويابىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغان.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى»، «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 18-نويابىردىن 21-نويابىرغىچە بۇ ھەقتە بىر قاتار ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىدا يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە 2018-يىلدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتاب» لىرىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قانات يايغان. بۇ دولقۇن ئەدلىيە ۋە قانۇن ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.

18-نويابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ قانۇن ساھەسىدىكىلەرگە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. ئۇ سۆزىدە «پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى كادىرلار پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىڭپىڭ بىلەن سىياسىي ئىدىيەدە بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىر يۈرۈش ‹ئاق تاشلىق كىتابلار› نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك،» دېگەن.

ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. «تېڭرىتاغ» تورىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ باش كاتىپلىرى، ئىشخانا مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر كۇرستا «كادىرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش» ۋە بۇ خىل ئۆگىنىشنى پۈتكۈل ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىدا ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنغان بىر يۈرۈش «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتاب» لىرى، 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئاقلانغان ماتېرىياللار ئىكەن.

ئۇلار خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن 2018-يىلى 15-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئاق تاشلىق كىتابى»، 2019-يىلى 18-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئاق تاشلىق كىتابى»، 2019-يىلى 21‏-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخى مەسىلە» ۋە 2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەربىيەلەش خىزمىتى ئاق تاشلىق» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى 16-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارادا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە لاگېرلارغا قامىلىشتەك پاجىئەسىدە باش پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكى مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا قارىتا نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، 16-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى كادىرلارنى مەركەز قىلىپ، ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان بىر يۈرۈش «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتاب» لىرىنى قايتىدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىشى دائىرىلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرىشى سەۋەبىدىن بولغان دېيىشكە بولىدىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابلىرى» نىڭ ئەسلىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ قېتىم خىتاينىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىلا قەپ قالغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى بۇ كىتابلارنى قايتىدىن ئۆگىنىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىي مۇقىملىقتىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىر ئىپادىسى ئىكەن.

دائىرىلەر ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابلىرى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ «رايوننىڭ مۇقىم تىنچ ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان زۆرۈر تەدبىرلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم قايتىدىن ئاق تاشلىق كىتاپلاردىكى مەزمۇنلارنى كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىگە مەجبۇرىي تېڭىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كۈتكەن ئۈنۈمنى بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى بۇ لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.