خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەتقىقاتچىلىرىغا كورونا ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى يۇقۇمىغا ئائىت مەلۇماتلارنى بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى ۋە سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەھقىقلىگۈچىلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە بىر ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى دېكابىردا ۋۇخەن شەھىرىدە بايقىغان 174 يۇقۇمدار توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرگۈچىلىرىگە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان. ئەكسىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئەربابلىرى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرىغا بەرگەن.
شەنبە كۈنى بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى، سەھىيە تەشكىلاتى دوكلاتىنىڭ خىتاينىڭ مۇداخىلىسىدىن مۇستەسنا بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
سۇللىۋان مۇنداق دېدى: «بىز كورونا ۋىرۇسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ قانداق يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ئېرىشىش جەريانىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا دائىر سوئاللارغا قارىتا چوڭقۇر ئەندىشىلەنگەندۇق.»
سۇللىۋان يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنىڭ مۇستەقىل بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەتىجىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن خالىي بولۇشى كېرەك. بۇ تارقىلىشچان كېسەلنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە كەلگۈسىدە ئوخشاش يۇقۇملارغا ھازىرلىق كۆرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك. خىتاي چوقۇم يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.»
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشى، كەلگۈسىدىكى بۇنداق خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشقا ياردىمى بولىدىغان مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشى يوللىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان كورونا ۋىرۇسى ھازىرغا كەلگۈچە ئاز دېگەندە 109 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 2. 4 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.