خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئاقسۇدا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» نى ئېچىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023-يىلى 15-ئاۋغۇست خەۋىرىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىڭ تەشكىللىشى بىلەن 3-قېتىملىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا، خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ «شىنجاڭ» غا ياردەم بېرىش شوئارى ئاستىدا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» 23-27 ئاۋغۇست ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش توختامى ئىمزالايدىكەن ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى تۈزىدىكەن . كۆرگەزمىگە، ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەردىن 140 كىشى 172 تۈر (ئەسەر) ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت ۋە شەھەردىن 156 كىشى 115 تۈر (ئەسەر) قاتنىشىدۇ دېيىلگەن؛ كۆرگەزمىگە يەنە بىڭتۈەنمۇ قاتنىشىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق يەنە نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خەلقئارا سەھنىلەردە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دەپ تەشۋىق قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە كۆرگەزمە ئېچىپ دۇنيا جامائىتىنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قارىماققا نورمال كۆرگەزمىدەك تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكى تەكىتلىدى. ئىنسانلارنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى. ئۇ كۆز قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«مېنىڭچە بۇ كۆرگەزمە ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تەشۋىقات قورالى. قارىماققا ھۆكۈمەت سەنئەت ۋە سەنئەتكارلارنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ قارىماققا نورمال. ھەممە ئادەم ئۆتمۈشتىكى ئۆزگىچە سەنئەتلەرنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن تارىخ ۋە سەنئەت ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› قوزغاپ، ئۆزىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ خىل ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى بولمايدۇ دەپ قاراش بەك خاتا. ھازىر بۇ ھۆكۈمەت داۋاملىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشقا موھتاج. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم.»
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى رېئال دۇنيا ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىشقا شارائىت ھازىرلاپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا ۋە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

ھالبۇكى، ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈشى ۋە تەكىتلىشى ئۇنى خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قورالى قىلىپ ئىشلىتىش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قېلىش بەك مۇھىم ئىكەن.
دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم خىتاي سىياسىتىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە باشقا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تىل ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بەك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:
«مېنىڭچە خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئوخشاش. خىتاي ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھۆكۈمەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مېنىڭچە بۇ (ئۇيغۇرلارنىڭ) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە باشقا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئوخشاشلا يوقىلىدۇ. كۆپ ساندىكى چەتئەل مەدەنىيىتى (خىتاي مەدەنىيىتى) ئىچىگە سىڭىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دىئاسپوراسى مەدەنىيەت، تىل، سەنئەت، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇڭا دىئاسپورا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز يېتەرلىك كىشىلەر چەتئەلگە چىقىپ بىرگە ياشاپ مەدەنىيىتىڭىزنى، تىل، سەنئەت، ھەممە نەرسىڭىزنى ساقلاپ قالالىسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى مەغلۇپ بولغان چاغدا، سىز مىللىتىڭىزنى ۋە مەدەنىيىتىڭىزنى قايتا ياشىتالايسىز. سىز يەھۇدىيلار غا، ئەرمەنلەرگە قاراڭ، ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى دۆلەت سىرتىدا ساقلاپ قالالىدى. ئاخىرىدا، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئۇلار (ئۇيغۇرلار) قايتىپ بېرىپ مەدەنىيىتىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ۋە ياشىتالايدۇ.»
ئاخىردا، ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تىلىنى، سەنئىتىنى، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.