ئارافات ئەركىن: «دادام مەجبۇرىي سۆزلىتىلگەن، خوش بولغىنىم ئۇ تېخى ھاياتكەن»
2021.04.09
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنىدىكى خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ 20 يىللىق تۈرمە جازاسىنى ئۆتەۋاتقان، ئىلى ئوبلاستلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تېلېۋىزىيە رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇننىڭ تۈرمە فورمىسى كىيگەن، بېشى چۈشۈرۈلگەن ئورۇق ھالدىكى سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن تۇرسۇن قىسقا بايانىنىڭ ئاساسلىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى ئوغلىغا خىتاب قىلىپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ خىتايغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ قوللۇق قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى،
يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە بىرقىسىم دۆلەتلەر خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ھەر تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ خىلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدىن ھازىرغىچە 11 قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاخبارات يىغىنلىرىدا ئەركىن تۇرسۇنغا ئوخشاش تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە باشقىلارنى ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇپ ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارشى سۆزلىتىش ۋە خىتاينىڭ خورلاش جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ئاياللارغىمۇ ئاشكارا ھۇجۇم قىلىشنى، ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلاشتىكى ئاساسلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىنىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەن ئەركىن تۇرسۇن، 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيەسىدە رېژىسسور بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدى. ئەركىن تۇرسۇن ۋە ئىشلىگەن «دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» ناملىق پروگراممىلار ھەتتا ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا مۇكاپاتلانغانلىقى مەلۇم. ئۇ لاگېر باشلانغاندىن بۇيان ھەر تۈرلۈك باھانىلەردە تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب بولغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېكران ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەركىن تۇرسۇن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىكلىكى سەۋەبىدىن ئۇ خەلق ئىچىدە غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجى، ئابلىمىت خالىس ھاجى، غوپۇر ھاجى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە «غۇلجىدىكى 4 سەرخىل»، «غۇلجىدىكى 4 گۆھەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
ئەركىن تۇرسۇن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوغلى ئارافات ئەركىن غۇلجا شەھەرلىك 9-بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئانىسى گۈلنار تەلئەتنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، دادىسى ئەركىن تۇرسۇننىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىۋاسىتە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى رادىئومىز ۋە باشقا ئاخباراتلارغا بىلدۈرگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىن بۇيان ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانىدى.
9-ئاپرېل ۋاشىنگتوندىن قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئارافات ئەركىن، دادىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان بولسىمۇ ئەمما دادىسىنىڭ ھاياتلىقىنىڭ ئۆزى، بۇ خەۋەرنىڭ خوش بولۇشقا تېگىشلىك تەرىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۈگۈنكى مۇرەككەپ ھېسسىياتىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئارافات دادىسىنى ۋە ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن توختىماي خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا سۆزلەپ كەلمەكتە. ئۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىنمۇ دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلگەنىدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى 2019-يىلى 26-مارتتا ئامېرىكادىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدا ئارافات ئەركىن بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى. خىتاي 20 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئارافاتنىمۇ ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان ھەقلىق داۋالىرى ئۈچۈن ئۇنى «چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ كەلگەنىدى.