ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا «بەخت» ئېلىپ كېلەمدۇ ياكى «خىرىسمۇ»؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2024.08.23
artash-su-qurulush-tuguni-damba-1 يەكەن دەرياسى (زەرەپشان دەرياسى) نىڭ باش ئېقىمىغا سېلىنغان ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى تۈگۈن قۇرۇلۇشىنىڭ دامبىسى. 2019-يىلى 19-نويابىر، يەكەن
gov.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقنىڭ سۈيىنى غەربكە يۆتكەش»، «شىمالنىڭ سۈيىنى جەنۇبقا يۆتكەش» دېگەندەك سۇ قۇرۇلۇش لايىھەلىرى قاتارىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى» ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ سۇ ئىنشائاتى نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا «جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا زور نەپ يەتكۈزدى» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. ھالبۇكى، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاراتاش سۇ ئامبىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە زادى كىمگە ھەقىقىي تۈردە «نەپ بېرىدىغانلىقى» ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراش ۋە پىكىرلەرنى  ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا، يىللاردىن بۇيان بەس-بەستە «شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى توك كەمچىللىكى مەسىلىسىنى ئازايتىپ، بۇ رايوندىكى 2 مىليون 400 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزگەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان. «خىتاي ئىقتىساد تورى» نىڭ 19-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى بولغان  ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسىنىڭ تاماملىنىشى، يەركەن دەرياسىنىڭ مىڭ يىللىق كەلكۈن ۋە ئويمانلىقتىكى ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلدى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە توك يېتىشمەسلىكنى زور دەرىجىدە ئازايتتى.» مەزكۇر خەۋەردە يەنە، يەكەن دەرياسى (زەرەپشان دەرياسى) نىڭ باش ئېقىمىغا سېلىنغان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى» نىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئەۋزەللىكلىرى بىلەن دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان سۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.   

ۋاھالەنكى، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇختەر چوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇش» تۈرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرگە «پايدا» ياكى «نەپ» ئېلىپ كېلىشنىڭ ئەكسىچە، رايوننىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىۋاتقان تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئومۇمىي مەبلىغى 10 مىليارد 986 مىليون يۈەن (تەخمىنەن بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلىنغان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى» نىڭ پىلان لايىھەسىدىن تاكى تاماملىنىشىغىچە نەچچە ئون يىل ۋاقىت كەتكەن. «خىتاي ئىقتىساد تورى» دا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە نەچچە يۈز شىركەت قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا سۇ ئېلېكتىر تەرەققىيات تارىخىدىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان «مۆجىزىۋى قۇرۇلۇش» نىڭ بىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.

ۋاھالەنكى، ئاراتاش سۇ قۇرۇلۇشى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلىۋاتقاندەك «دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان مۆجىزىۋىي سۇ قۇرۇلۇش ئىنشائاتى» بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدەك قۇرغاق رايونلارنىڭ جۇغراپىيەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقى مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەن. دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندى، «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى»دىكى ئاتالمىش «سۇ تېجەش ۋە توك بىلەن تەمىنلەش» قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ ماھىيەتتە يەركەن دەرياسى ۋادىسىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى  تەكىتلەپ ئۆتتى.

«خىتاي ئىقتىساد تورى» دا ئېيتىلىشىچە، «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسىدىكى  سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 2 مىليارد 249 مىليون كۇب مېتىر، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 755 مېگاۋات (MW)  بولۇپ، خىتايدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك زور قۇرۇلۇش تىپىغا تەۋە ئىكەن.

ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالغان، ھازىر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىم، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولدى. ئۇ سۆزىدە،  1981-يىلىنىڭ بېشىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە لايىھەلەشنى باشلىغان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى» نىڭ 2011-يىلى قۇرۇلۇشقا كىرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى يەركەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ تەبىئىي سۇ ئېقىمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىپ، تۆۋەن ئېقىنغا بارىدىغان سۇ ئېقىمىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنداقلا رايوننىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ئاجراتقان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى» غا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق، رايوندىكى سۇ مەنبەسىنى، سۇنىڭ ئېقىشىنى ۋە تارقىلىشىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ سۇ بايلىقلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى دېھقانچىلىق تۈرلىرى، كارخانىلار ۋە يېڭى ئولتۇراق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا قولايلىق يارىتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئېشىنچا ئاھالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈلۈشى ۋە يەرلىشىشىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى بايان قىلىپ، ئېنېرگىيەگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق، توك ئىشلەپچىقىرىش، ھەتتا ئۇنى ئىچكى خىتايغا يۆتكەپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «سۇنى بىكارغا ئېقىتىۋەتمەسلىك، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئۈنۈم قازىنىش» تەك شوئار ئاستىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە باشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەرگە «غايەت زور نەپ» يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ھالبۇكى، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىرىس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم كوزىر بولىدىغانلىقىنى  ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.