2022-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك (Michael Polak) ، ئارگېنتىنالىق ئادۋوكاتلاردىن گابرىئېل كاۋاللو ۋە خۇئان نېتو قاتارلىقلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىدى. ئەينى چاغدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك قاتارلىقلار ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس-ئايرېسقا يېتىپ بېرىپ، بىر نەچچە كۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ۋە 17-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي ھالدا ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا بېرىپ، خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزنى يەتكۈزگەن ئىدى.
بىراق، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بۇ داۋاغا قارىماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا دېيىشىچە، تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بۇ قارارى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئادۋوكاتلارنىڭ ئاللىقاچان بۇنداق بىر داۋانى ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت بىر خاتا ئۇچۇرغا ئاساسەن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىسپاتلار ئارقىلىق بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.
ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتى 2024-يىلى 11-ئىيۇل كۈنى قارار چىقىرىپ، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئاچماسلىق قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇلار بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» ئارگېنتىنا سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزىدە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئەرزنى ئارخىپتا ساقلاشنى قارار قىلىشى خاتالىق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان، شۇنداقلا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈش باشلىشىنى بۇيرۇغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ قارارىنى قارشى ئېلىپ، ئۇنى ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەش، دەپ كۆرسەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلىرى ۋە ھەتتا مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇنى جازالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا سوت ۋە شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاراپ چىقىش ھوقۇقى بولغان ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز قىلىش توغرا كېلىدىكەن.
ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئادەم قىيناش جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇ سوتقا سۇنۇلغان ئەرزنامىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق جىنايىتى ھەمدە بۇ جىنايەتنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىرى كۆرسىتىلگەنىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز سۇنغان ئادوۋكات مايكىل پولاك بۇ ھەقتىكى يازما ئىنكاسىدا بۇ قارارنى «ئابىدە خاراكتېرلىك قارار» دەپ باھالىغان. ئۇ باياناتىدا، «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان خىتايغا قارشى بىر خەلقئارا سوت كوللېگىيەسى قۇرۇش مۇمكىن بولمايۋاتقان بىر شارائىتتا، ئارگېنتىنا سوتىنىڭ بۇ قارارى مۇستەقىل سوتچىلارنى تەسىر ئاستىغا ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، » دەپ تەكىتلىگەن.
مايكىل پولەك باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار جىنايى ئىشلار سوتىدا ئۆزلىرى كۆرگەن قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىك توغرىسىدا تۇنجى قېتىم دەلىل-ئىسپات بېرىدىغان پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ. ئىشىنىمىزكى، تەكشۈرۈش باسقۇچى باشلانغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ جاۋابكارلارنى قولغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بىر يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ ۋە جاۋابكارلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ. »
ئادوۋكات مايكىل پولاك باياناتتىكى سۆزىدە يەنە، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىنى يېڭىلاشقا چاقىرىپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ دۇنيادا ئادالەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قارارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىرىنى جازالاشتىكى تۇنجى قەدەم، دېدى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئادۋوكاتلار بىلەن ئىشلەشنى باشلايدىغانلىقىنى دېدى.