13-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار ئەرزىنى سوتقا تاپشۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن ئارگىنتىنا سوتىغا «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەۋەلىكى جىنايى ئىشلار ئەرزى» نى سۇنۇشقا تەييارلانغان.
ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات مايكىل پولاك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەۋەلىكى جىنايى ئىشلار ئەرزى» نى تەييارلاشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە «بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى» (AP) غا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنماقچى بولغان ئەرزىمىز، ئادالەتكە قاراپ تاشلانغان بىر قەدەمدۇر.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› چىقارغان ھۆكۈمدىن كېيىن، قولىمىزدا توپلانغان پاكىت-ئىسپاتلار بىلەن بىز رەسمىي ھالدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشنى قارار قىلدۇق. ئارگىنتىنا سوتى بۇندىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارنى سوتلىغان ئىكەن.»
14-دېكابىر كۈنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە باياناتتا ئېلان قىلغان. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى قەدەمدە ئەرزنامە سوتقا تاپشۇرۇلىدىكەن. باش سوتچى مۇشۇ ئەرزنامىگە ئاساسەن باشقا تەپتىشلەر بىلەن بۇ ھەقتە دېلو تۇرغۇزۇش ھەققىدە قارار چىقىرىدىكەن. دېلو تۇرغۇزۇش ھەققىدە قارار ئېلىنغاندىن كېيىن، سوتنىڭ تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش باسقۇچى باشلىنىدىكەن. د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتقا تاپشۇرىدىكەن. ناۋادا بۇ باسقۇچلار ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشسا، سوتچى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار بولغۇچى ئاساسلىق شەخسلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن. يەنى بۇ بۇيرۇق بويىچە، جاۋابكار شەخىسلەر ئارگېنتىنا تەۋەلىكىگە كىرگەن ياكى ئىككىنچى بىر دۆلەتكە كەلگەن ھامان ئۇلارنى سوتلىيالايدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بىر تارىخىي ۋەقە بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇمنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق رەسمىي بىر سوت تەرىپىدىن سوتلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن.
مايكىل پولاك ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئارگنتىنا سوتىغا ئەرز قىلىشنى قارار قىلدۇق، چۈنكى ئارگىنتىنا سوتى ھوقۇق دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ئەركىن ھالەتتىكى ئۇنۋېرسال سوتلارنىڭ بىرى. خەلقئارالىق قانۇن تەۋەلىكى بويىچە، ئارگىنتىنا سوتى ئۇرۇش جىنايەتلىرى، قىيىن-قىستاق، قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ئوخشاش قىلمىشلار دۇنيانىڭ قەيەرىدە يۈز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سوت ئېچىش ئىمتىيازىغا ئىگە. يېقىندا ئارگىنتىنا ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئۇنۋېرسال ئىمتىيازىنى ئىشلىتىپ، ئۆزلىرى مۇستەقىل بىر شەكىلدە خەلقئارالىق سوت ئاچتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار بارغانسىرى تولۇقلانماقتا. بىز ئىشىنىمىزكى، بىز بۇ ئىسپاتلارنى ئارگىنتىنا سوتىغا سۇنساق، ئۇلار ئۇيغۇن بىر شەكىلدە بۇ ئەرزنى سوتقا ئېلىپ چىقىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈمىگە ھەر قېتىمقىدەكلا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ئاتالمىش ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نامىدا ھېچكىمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا يول قويمايمىز.»
مايكىل پولاك ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرگىمۇ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش، مۇشۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشكى مۇھىم بىر قەدەم. لېكىن دۆلەتلەر بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دەپ بېرىلگەن ۋەدە بۈگۈنكى كۈندە يەنە قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بۇ جىنايەتلەرگە قارشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولمايۋاتىدۇ. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› توپلىغان پولاتتەك دەلىل-ئىسپاتلار ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن بېسىم بولىدۇ. يىقىندا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كىڭېشى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى پاش قىلىنغان مەخسۇس دوكلاتنى ئېلان قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەر قار پومزىكىگە ئوخشاش بارغانسېرى چوڭىيىپ ئادالەتكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بىز مۇشۇنداق جەريانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلەرنىڭ يەنە داۋاملىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمد قىلىمىز.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سوت ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە ماتېياللارنى تەمىنلەشكە تاييار تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.