مەركىزى قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈركىي ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغولىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى ھەمكارلىشىپ، موڭغولىيەنىڭ ئۆتۈكەن رايونىدا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ قاغانلىقنىڭ مەشھۇر قاغانلىرىدىن بىلگە قاغان ۋە كۆلتېگىن قاغاننىڭ دادىسى-ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ خاتىرە دەرگاھىنى بايقىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خاتىرە دەرگاھىدىن نۇرغۇن بالبال ۋە بىر قىسىم تاشتىن ياسالغان خاتىرە بۇيۇملار تېپىلغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە قەدىمكى تۈرك تىلىدا يېزىلغان تاش پۈتۈگمۇ تېپىلغان. موڭغولىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى ۋە قازاقىستاندىكى تۈركىي ئاكادېمىيەسىدىن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا قاتناشقان ئارخېئولوگلار 24-ئاۋغۇست كۈنى موڭغولىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆتۈكەن رايونىنىڭ نومگون ۋادىسىدىن تېپىلغان بۇ ئورۇن ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇلغان خاتىرە دەرگاھى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلى باشلانغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش پائالىيىتى 2019-يىلدىن كېيىن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ قايتا ئەسلىگە كېلىپ، ھازىرقى بايقاشقا ئېرىشكەن. ئاخبارات يىغىنىدا ئارخېئوگلار «خاتىرە دەرگاھىدىن تېپىلغان تاش پۈتۈكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، نومگون خاتىرە دەرگاھىنىڭ كۆك تۈرك قاغانلىقىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ دادىسى-ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغانغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدەك يەكۈن چىقىرىلدى. بولۇپمۇ بۇ خاتىرە دەرگاھى «تۈرك» سۆزى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان كۆك تۈرك دەۋرىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى يازما ئابىدىسى، دەپ قارالماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 25-ئاۋغۇست بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا يىتەكچىلىك قىلغان، خەلقئارا تۈركىي ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، دارخان قىدىرئالىنى زىيارەت قىلدۇق. دارخان قىدىرئالى بۇ قېتىنقى ئارخېئوگىيەلىك قېزىشتا ئېرىشكەن بايقاشلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

دارخان قىدىرئالى مۇنداق دېدى: «بۇ بىر مازار ئەمەس، بۇ يەر بىر خاتىرە دەرگاھىدۇر. شۇڭا بۇ يەردىن يېزىقمۇ تېپىلدى. بۇ يەرنىڭ ھەممە نېمىسى بار، يەنى بۇ يەردە قورۇقلانغان، خاقانغا، بۈيۈك ھۆكۈمدارغا تەۋە پۈتۈن بىشارەتلەر بار. ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنىمۇ ھانگاي تاغلىرىدۇر. بۇ ھۇنلاردىن تارتىپ ھۆكۈمدارلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ھېسابلىنىدۇ. ئورخۇن ۋادىسىغا ناھايىتى يېقىن بىر جايدا. ئۇ يەردە ‹كۆك› دەپ ئاتىلىدىغان، بىز ‹تەڭرىنىڭ تېغى› دەيدىغان تاغلار بار. بۇرۇن بۇنداق كەڭ ۋادىلارغا خاتىرە ئورۇنلار سېلىناتتى. بۇ جايدا 9 خاتىرە بەلگىسى بار. 51 بالبال تاشىنىڭ ھەممىسىگە ئاشىنا جەمەتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. بىلگىنىڭىزدەك ئاشىنا جەمەتىنىڭ تامغىسى ھۆكۈمدارلارنىڭ تامغىسىدۇر.»
دارخان قىدىرئالىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىن تېپىلغان تاش پۈتۈكتىكى سۆزلەر بۇ ئورۇننىڭ ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغانغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دىدى: «ئۇنىڭدىن سىرت تاش پۈتۈكتىكى يېزىق، ئۇ يېزىقتا ‹قۇتلۇق قاغان› دېگەن ئىسىم يېزىلغان. ‹تۈرك›، ‹تەڭرىنىڭ ئوغلى› ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىبارىلەر ھەم ھەرپلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ قۇتلۇق قاغانغا ئائىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئاستىدىكىسى تاشپاقا، ئۇ يەردىكى شىرنىڭ چوڭ تاش ھەيكىلى، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى. مېنىڭچە، ئىككى شىر بالىسى كۆلتېكىن بىلەن بىلگە قاغاننىڭ سىمۋۇلى بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار. مەسىلەن، ئولتۇرغان قاغاننىڭ ھەيكىلى. بۇ ھەيكەلنىڭ بېشى يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قاغانغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىق. پەقەت قاغانلارلا ئۇنىڭدەك ئولتۇرىدۇ. بۇلاردىن سىرت يەنە نۇرغۇن ساندا بالباللار بار. لېكىن بۇ بالباللارنىڭ بېشى يوق، بېشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ يەردىن تاش پۈتۈكنىڭ تېپىلىشى كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان تاش پۈتۈكلىرىدىن كېيىنكى چوڭ بايقاش، دەپ قارالماقتا. چۈنكى ‹تۈرك› سۆزى تۇنجى قېتىم تۇنيۇقۇق تاش پۈتۈكىدە تىلغا ئېلىنغان، دەپ قارىلاتتى. لېكىن بۇ تۇنيۇقۇقتىن خېلى بۇرۇن تىكىلگەن پۈتۈك. شۇڭا بۇ ‹تۈرك› سۆزىنىڭ تىلغا ئېلىنىش دەۋرىنىمۇ خېلى ئالدىغا سۈردى. بۇ بىزنىڭ يېزىق تارىخىمىز نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزنىمۇ ئالدىغا سۈردى.»

شەرقىي كۆك تۈرك قاغانلىقى مىلادى 630-يىللىرى تاڭ سۇلالىسىغا مۇنقەرز بولۇپ، 50 يىلدەك تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا تاڭ سۇلالىسى تۈرك قەۋملىرىنى سەددىچىننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جايلارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارنى قاتتىق بېسىم ئاستىدا تۇتقان. ئۇلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغان ۋە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.
پەقەت ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغان مىلادى 670-يىلللارنىڭ ئاخىرلىرىدا 17 نەپەر چەۋانداز بىلەن تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغان. ئۇ تەخمىنەن مىلادى 681-يىلى تۈرك قەۋملىرىنى بىرلەششتۈرپ، كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان. كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىنىڭ قاغانلىرىدىن كۆلتېكىن بىلەن بىلگە قاغان 8-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا تىكىلگەن مەڭگۈ تاشلاردا، دادىسى ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغانغا ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەرگەن.

گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچى ئابلەت سەمەت ئەپەندى ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغانغا ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ھەم ئۇنىڭدىن تېپىلغان تاش پۈتۈكنى تەتقىق قىلىۋاتقان تۈركولوگلارنىڭ بىرى. ئۇ 24-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغانغا ئائىت، دەپ قارالغان تاش پۈتۈكنىڭ كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىغا ئالاھىدە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابلەت سەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشرىلىرىدىن قارىغاندا، ئېلتەرىش قاغان ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى ۋە دۆلەتچىلىك ئېڭىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە رول ئوينىغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغانغا ئائىت، دەپ قارالغان تاش پۈتۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىر، ئىگىزلىكى 74.5 سانتېمېتىر، قېلىنلىقى 19 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىر يۈزىدە سوغدىچە يېزىقمۇ بار ئىكەن. قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈركىي ئاكادىمىيەسىنىڭ باشلىقى دارخان قىدىرئالى 25-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، تاش پۈتۈكتىكى 19 قۇر خەتنىڭ پەقەت 12 قۇرىنى ئوقۇپ چىققىلى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دارخان قىدىرئالى مۇنداق دەيدۇ: «(بۇ تاش پۈتۈك) 7-ئەسىردە تىكىلگەن. بۇرۇنقى مەڭگۇ تاشلار 8-ئەسىرگە ئائىت ئىدى. بۇ تاش پۈتۈكنىڭ دەۋرى 7-ئەسىرگە ئۇزاردى. قۇتلۇق قاغان مىلادى 681-682-يىللىرى تەختكە چىققان. بۇ تاش پۈتۈك ئۇنىڭ دەۋرىدە يېزىلغان. تاش پۈتۈكنىڭ ئۇنىڭ دەۋرىدە يېزىلغانلىقى ئېنىق… تاش پۈتۈكتە ‹ئېلتەرىش› دېگەن سۆزمۇ ئۇچرىمايدۇ. ‹ئېلتەرىش› دېگەن ئۇنۋان ئۇنىڭغا كېيىن بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇنىڭ ئىسمى ‹قۇتلۇق›، تاش پۈتۈكتىمۇ ‹قۇتلۇق› دەپ ئاتالغان. تاش پۈتۈكتە 19 قۇر خەت بار. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئۆچۈپ كەتكەن، بىز ئۇنىڭ 12 قۇرىنى ئوقۇپ، ئېلان قىلدۇق. بۇ بايقاش خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغولىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورتاق تەتقىقات تۈرىدۇر.»

مۇتەخەسسىسلەر بۇ بايقاشنىڭ بىر چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، قەدىمقى تۈرك تارىخى تەتقىقاتىدا نوقۇل خىتاي تارىخىي ماتېرىياللىرىغىلا تايىنىپ قالماي، تۈركلەرنىڭ ئۆز تارىخي ۋەسىقىلىرىغىمۇ تايىنىشى ئۈچۈن مۇھىم مەنبە ھېساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گېرمانىيەدىكى تۈركولوگ ئابلەت سەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بايقاشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى چوڭ بولۇپ، «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئېلتەرىش قاغاننىڭ تۈرك قاغانلىقىنى قايتا تىرىلدۈرۈشتىن بۇرۇنقى ھالىتىنى ياشىماقتا» ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ خاتىرە دەرگاھى خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمە، لاگېرلارغا قامىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغماس قىلىش ئېلىپ بارغان، ئۇلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخىنى رەت قىلىپ، خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا تېپىلغان.