ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كېمىيىشى ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.05.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كېمىيىشى ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى
ASPI/ RFA_Sintash

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارىتا قىسمەن گۇمانلىنىش خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتقاندا ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) «يېڭىدىن پىلانلىنىۋاتقان ئائىلىلەر» تېمىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. تەتقىقاتچى نېيسىن رۇسېر ۋە ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان بۇ  دوكلات ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ھەمدە تۈرلۈك چارىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى غايەت زور دەرىجىدە چەكلەش قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا بېرىپ تاقىلىۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار بىلەن شەرھلەپ چىقتى.

دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر مۇھىم نۇقتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش رولىنى ئوينىغانلىقى، ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىدە سىستېمىلىق تۈس ئالغان لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كېتىش قىسمىتىگە مۇپتىلا قىلغانلىقى بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇنسىز بالىلىق بولۇشقا زەربە بېرىش» نامىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بىلەن 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىدە 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلەشنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تۈرلۈك ھۆججەتلەر، يازما ئىسپاتلار ۋە باشقا پاكىتلار ئارقىلىق ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىندى. شۇنداقلا زور كۆلەملىك مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈشتەك قىلمىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئىمزا قويغان «ب د ت قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپ بولغان قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئىككى يىلدىلا ئاز دېگەندىمۇ 160 مىڭ ئۇيغۇر بوۋاق كەم تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ خىل غايەت زور نىسبەتتىكى تۇغۇت كرىزىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدىكى تۇغۇت ئەھۋالىنى ستاتىستىكا قىلىپ كېلىۋاتقان 71 يىلدىن بۇيان ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەن. ھەتتا دۇنياغا مەلۇملۇق رىۋاندا قىرغىنچىلىقى ياكى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ بۇ خىل زور نىسبەتتىكى تۇغۇت چېكىنىشى كۆرۈلمىگەنىكەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيۇ دوكلاتتىكى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە «بۇ ھال خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىشانى ئ‍ۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.  بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان نېيسىن رۇس بولسا بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تارىختىكى ئەڭ زور نوپۇس تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئائىلىلەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر، باستۇرۇشلار ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئەڭ جانلىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن.

بۇ قېتىمقى يېڭى دوكلات ئاساسلىقى تەتقىقاتچى ئادريان زېنز توپلىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مۇھىم مەنبە قىلىدۇ. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا ھامىلە چۈشۈرۈش، تۇغماسلىق ئ‍وپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، تاقىسىمان ئۈزۈك سېلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنى غەرەزلىك ھالدا نورمال كۆپىيىشتىن توسۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى ئىكەنلىكى شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلۈك بايان قىلىندى. بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرەت داۋۇت، ئەيسا ئىمىن قاتارلىقلار بايان قىلغان « ئىسلام ئاشقۇنلۇقىدىن زەھەرلىنىپ كۆپ بالىلىق بولغان» دېگەن ئەيىب بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، لاگېردا بولسا بۇ خىل ئەيىب بىلەن قامالغانلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى، لاگېرلاردىكى ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا تۇغماس قىلىۋېتىلىشىدەك مىساللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نىڭ ماھىيىتى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ بېرىلىدۇ.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىرلەشمە ئاگېنتلىق، «نيو -يورك ۋاقتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىمۇ ئارقىدىن ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتە كەڭ بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قاماشتىن سىرت ئەمدىلىكتە بۇ قەدەر قەبىھلىككە قول سوزغانلىقى ھەر ساھەنىڭ بەكمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم  بۇ دوكلات ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەندىككەنلىكىنى، خۇددى شۇنىڭدەك بۇ دوكلاتنى كۆرگەنلىكى كىشىنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

«ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان دوكلاتنى مەن بۈگۈن سەھەردىلا ئوقۇپ چىقتىم. دوكلات ناھايىتى كۈچلۈك ئىستاتىستىكىلىق پاكىتلار بىلەن بەكمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە يېزىپ چىقىلغان. شۇنىڭدەك بۇ دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسى جىددىي ھالدا جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا ئازلاپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى ياخشى يورۇتۇلغان. شۇڭا بۇ دوكلاتنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم، مەيلى ئۇ ئەر كىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، ئائىلىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان پەرزەنت مەسىلىسىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلگەندە ئۇنى تىترەك باسىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ئاشۇ شىجائەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرى قاماققا چۈشكەن مەزگىللەردە باشتىن كەچۈرگەن بۇ قاباھەتلەرنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەمدە ئوخشىمىغان گۇۋاھلىق بېرىش سورۇنلىرىدا قەيسەرلىك بىلەن بايان قىلىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ھەمدە جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قېتىملىق دوكلاتتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بىردەك تولىمۇ قەبىھ بولغان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىدۇر.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خانىممۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلنىڭ بېشىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېگەن تەبىرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ قارارنىڭ توغرا بولغانلىقىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى. 

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى بۇنداق بىر قەبىھلىككە نىشان قىلىۋالغانلىقى ھەمدە ئۇنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆزى خالىغان بۇنداق بىر ۋەھشىيانە شەكىلدە  قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشىنى كۆرۈش ئادەمنى بەكلا شۈركەندۈرىۋېتىدۇ. مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ھەمدە ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ قىسمىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك رېئاللىقنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقى بولسا بۇنىڭدىكى قاباھەتنىڭ بەكمۇ زورلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن گەرچە تېخى بالىلىق بولمىغان بىر ئايال بولساممۇ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىنىڭ مەجبۇرىي يوق قىلىنىشىنىڭ بىر ئايال ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر قەلب يارىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن. شۇڭا دوكتور ئادريان زېنزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەمگەكلىرى ھەمدە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنىڭ بۇنداق زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنىڭ قايسى دەرىجىدە توغرا بولغانلىقىنى بىۋاسىتە دەلىللەيدۇ.»

ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھاكىمىيەت سۈپتىىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە رېژىسسورلۇق قىلىشى سېپى ئۆزىدىن ھەقلەرنى دەپسەندە قىلىش ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە بۇ خىل قاباھەتنى ئىنكار قىلىشىغىمۇ ھېچقانداق يوچۇق قالمىغان بولۇپ، تاشقى دۇنيادىكى ھېچقانداق مۇتەخەسسىسنىڭمۇ بۇ ۋەھشىيلىكنى ئاقلىشىغا ئاساس بولغۇدەك ھېچنەرسە قالمىغان. 

«سىز باياتىن تىلغا ئالغان سانلىق مەلۇماتلار ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى كۆزلەۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسى قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىر زور تەسىرى شۇنىڭدا ئىپادىلىنىدۇكى، مۇشۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر نوپۇسى ئالدىنقىسىدىن بىر ھەسسە ئازىيىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر نوپۇسى زور دەرىجىدە يوقىتىلغانلىققا باراۋەر. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى قارار قىلىشقا قادىر بولالمىدى، دېگەنلىككە باراۋەر. نورمالدا بىر ھۆكۈمەت ئائىلىلەرنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا قول تىقىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئەمەس. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئائىلىلەرنىڭ ئورنىدا ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇش مەسىلىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ھېچقانداق بىر مۇتەخەسسىسنىڭ بۇ خىل رېئاللىقنى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى، لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشقا ھەققى يوق، دەپ قارايمەن. چۈنكى بىزدە ماددىي ئىسپاتلار ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان كۆپلىگەن يازما ئىسپاتلارمۇ بار.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشلىرى دەل مۇشۇنداق دوكلاتلار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيەدىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلمەكتە ئىكەن. سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزى ئىشتىراك قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يىغىنىدىكى مەنزىرىدىنمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«مېنىڭچە سىلەرمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەردىڭلار. نيو يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تور مۇھاكىمىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرىنفيېلد خانىم ناھايىتى كۈچلۈك قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىغا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بۇ ھەقتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان بۇ ئىش بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شۇ يىغىندا ئاڭلىسام ئامېرىكىدىن باشقا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن قازاقلار، قىرغىزلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىق قىلىۋېتىپتۇ.»

ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى تەبىرنى ئېلان قىلغانلىقى نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىشى يەنىلا كۇپايە قىلمايدىكەن. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىن، دېگەن مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشكىنىمىزدە ئۇ ئامېرىكا ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچە تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىش ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى پاجىئەگە ئازراق بولسىمۇ «ياماق» سالالايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان بىرنەچچە تۈرلۈك تاللاش مەۋجۇت. بۇنىڭ بىرىنچىسى، مۇشۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا ياتىدىغان قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنى جازالاشنى قەتئىي داۋام قىلدۇرۇش لازىم. ئىككىنچىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بۇ ھەقتە بېسىم قىلىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل جىنايەتلىرىگە قارشى خەلقئارالىق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە بىۋاسىتە قول تىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش شارائىتىغا ئىگە بولمىسىمۇ، مۇشۇ خىل ۋەھشىيانە مىللىي سىياسەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ چەتئەللەردە مۇھاجىر بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش ھەمدە ئۇلارغا بىخەتەر ھاياتلىق ماكانى يارىتىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىم. تۆتىنچى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى چەكلەشتە قولىمىزدىكى مەۋجۇت قوراللاردىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى چەكلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا ئىشتىراك قىلغان شەخسلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارغا تور ھۇجۇمى قوزغاشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پىكىرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.