قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتى 24-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەشكىلات قازاقىستاندا دۆلەت رويخېتىگە ئېلىنغان رەسمىي قانۇنلۇق تەشكىلات سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى.
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆز يۇرتى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن قازاقلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى توپلاش، بۇ مەلۇماتلارنى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈش، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ھازىرقى يېتەكچىسى ئېربول دەۋلېتبېكوغلى بىزگە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قازاقىستان دۆلەت رويخېتىگە ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى مەلۇم قىلدى.
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاندا رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بەزى مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىندى. شۇلارنىڭ بىرى «ئازادلىق» رادىئوسىدا 25-سېنتەبىردە بېرىلگەن «خىتايدىكى قازاق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈۋاتقان ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› تەشكىلاتى دۆلەت رويخېتىگە ئېلىندى›» ناملىق خەۋەردۇر. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنى قازاقىستاندا رەسمىي تىزىملىتىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەدلىيە ۋەكىللىرى ھۆججەتلەرنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، رەت قىلىپ كەلگەن ئىكەن. تەشكىلات ئەزالىرى بولسا بۇ مەسىلىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي ئويۇن بارلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە مەھكىمىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان ئىكەن.
بىز «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىر ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان قايرات بايتوللا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ تەشكىلاتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىلىق تۆت مەرتەم ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىلتىماسلىرىنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەشىنچى قېتىمدا ئۇلارنى سوتقا بەردۇق. سوتتا ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە مەھكىمىسى كېلىشىپ، ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› نى رويخەتكە ئېلىشقا بولىدۇ دەپ، تەشكىلاتىمىزنى قانۇنلۇق رەۋىشتە تىزىمغا ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز سوتقا بەرگەن ئەرزىمىزنى قايتۇرۇۋالدۇق. ئەمدى بىز يەنە شۇ قازاقىستان دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسلانغان ھالدا ئىشلەيمىز. خىتايدىكى ئەھۋاللارنى بىز ھېلىمۇ دىققەتتىن چەتتە قالدۇرماي كۆزىتىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئىش يۆنىلىشىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى قەبىھ لاگېرلاردىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. خىتاي بۇ ئىشنى توختاتمايدىغان بولسا، بىزمۇ ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› نىڭ ھەرىكىتىنى مۇشۇنداق داۋام قىلىۋېرىمىز. بىز بۇ ھەقتە ئەرز توپلاشنى توختاتمايمىز. بىزگە مەلۇم قىلىنغان 10 مىڭدەك ئەرز بار. ئۇلار ئىنگلىز ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈلدى.»
قايرات بايتوللانىڭ دېيىشىچە، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى 2017-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايلار ئاساسەن دېگۈدەك قازاقىستانغا كېلىپ قايتقانلارنى قازاقىستاندا جۈمە نامىزىغا بارغان ياكى مەسچىتكە كىرگەن ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆزلەشكەن دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلدى. ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە ئالمۇتادىكى مىللەتپەرۋەر شەخسلەر بىرىكىپ، پىدائىيلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىدى ۋە بۈگۈڭە قەدەر ئىشلەپ كەلدى. ياۋروپادىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ‹سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرى› دا ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر، 500 مىڭدەك قازاق، 50 مىڭدەك قىرغىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋېتىپتۇ. قولغا ئېلىش، قاماش ھېلىمۇ داۋام قىلىۋېتىپتۇ. ھازىر ئىلى ئوبلاستىدىن پاسپورتى بار بەزى ئادەملەر كۆچۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئالتاي، تارباغاتاي، سانجى ۋە ئۈرۈمچىدىكى قازاقلارنىڭ پاسپورتلىرى تېخىچە بېرىلمەپتۇ. ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پاسپورتلىرى ئاساسەن بېرىلمىدى دېگەن مەلۇماتلار بىزگە يەتتى. يەنە بىر مەسىلە، ئۇ ياقتىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بارلىقى خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇ مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، يوقىتىشتۇر.»
ئىگىلىشىمىزچە، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر، قىرغىز، تاتار قاتارلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنىمۇ قولغا ئالغان ئىكەن. بۇ تەشكىلات تۈرلۈك خەلقئارا تەشكىلاتلار، مىللىي بىرلەشمىلەر، زىيالىيلار، جامائەتچىلىك بىلەن ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە كىرىشكەن ئىكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق تونۇلغان سىياسەتشۇناس جاسارال قاۇنىشالىن ئەپەندى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سەۋەبى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىش، خىتاي خەۋپىنى قايتۇرۇش، خىتايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتۇر. بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ خىتايدىكى مەسىلىلىرىنى خەلقئاراغا مەلۇم قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تەشكىلاتتۇر. ئۇنىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن سوت بولۇپ، ئۇ 7 يىلغىچە جەمئىيەتلىك ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى. قىسقىسى، ئۇنىڭ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنىي قىلىندى. ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› مانا رويخەتتىن رەسمىي ئۆتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىنى شۇ قېلىپتا، يەنى ئېلىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ پايدىسىغا يۈرگۈزىدىغان بولسا، مەن، ئەلۋەتتە، بۇنى قوللايمەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئېلىمىزدە تىزىمغا ئېلىنغان تەشكىلاتلارغا شەخسەن مەن ئۆزۈم گۇمان بىلەن قارايمەن. ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن تىزىملىنىپ، رەسمىي ئىشلىگىنى توغرا. مۇشۇ تاپتا مەن ئۈزۈل-كېسىل بىر پىكىر ئېيتالمايمەن. ھەممىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ۋاقىت باھالايدۇ دەپ ئويلايمەن.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، جاۋابكارلىققا تارتىلغان ئىدى. 5 ئاي دىن ئوشۇق ۋاقىت داۋامىدا مىرزا قاماققا ئېلىنغان سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن 16-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتادا سوت ئېچىلىپ، بىر قاتار شەرتلەر بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ قاماققا ئېلىنىشى بىر قاتار خەلقئارا تەشكىلاتلاردا، يۇرت-جامائەتچىلىك ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.