ئاتلانتىك كېڭىشى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئاخىرلاشمىدى»

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» 25-سېنتەبىر كۈنى قىسقا بىر خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقى» ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىككە قارىتا كۈچلۈك بىر خەلقئارا ئىنكاس قايتۇرۇلمىغىچە ھازىرقى سەپنى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ مەزكۇر دوكلاتى، بۇ ئورگاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك دەۋا قۇرۇلۇشى پىروگراممىسىنىڭ 19-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئىككى چوڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ب د ت نىڭ يىللىق ئومۇمى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇ-يورك شەھىرىگە يىغىلغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا خىتاينىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت يوللىرىنى تېپىش» مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.

«ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» ئېلان قىلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدىكى «كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە كىملىكىنىڭ داۋاملىق باستۇرۇلۇشىدەك مەۋجۇت رېئاللىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەھشىيلىكنى توختىتىشتا، ئائىلىلەرنى جەم قىلىشتا، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ جازاسىز قېلىشىنى رەت قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەكتە» ئىكەن.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ب د ت نىڭ يىللىق ئومۇمى يىغىنىدا. 2023-يىلى 19-سېنتەبىر، نيۇ يورك.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ب د ت نىڭ يىللىق ئومۇمى يىغىنىدا. 2023-يىلى 19-سېنتەبىر، نيۇ يورك. (atlanticcouncil.org)

«ئىقتىساد» ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى گادىي ئاپستېيننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىندا، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى رەيھان ئەسئەت ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارى، ئامېرىكانىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار باش ئەلچىسى، گېرمانىيە دىپلوماتى قاتارلىق كىشىلەر سۆزگە چىقىپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى شەرھلىگەن. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كۆپ قىرلىق مەسىلىلەر دىرېكتورى بېلېن مارتىنېز كوربونېل (Belen Martinez Carbonell) خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان زۇلۇمىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا ئالدانماسلىقنى تەكىتلىگەن.

بېلېن مارتىنېز كاربونېل مۇنداق دېگەن: «بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھازىرغا قەدەر ھەقىقىي ياخشىلىنىش بولۇپ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن جىددىي. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىشتا تېخىمۇ چانمايدىغان مەۋھۇم ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا. نۆۋەتتە، ساياھەتچىلىككە ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققىياتقا مەركەزلەشكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. بۇ ئۇرۇنۇشلارنى بىزنى ئالداپ قويماسلىقى كېرەك» .

بېلېن مارتىنېز كاربونېل يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشقا داۋاملىق چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى بۇ يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنى بۇ يىل چاقىرىلىش ئالدىدىكى ياۋروپا-خىتاي باشلىقلىرى يىغىنىدا، شۇنداقلا ب د ت مۇنبەرلىرىدە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بېلېن مارتىنېز كاربونېل: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا، جۈملىدىن ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ھەم بارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىندا سۆزگە چىققان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى پېتېر لوفېلھارت (Peter Loeffelhartd) ، ب د ت نىڭ دوكلاتى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ دەسلەپكى دوكلاتلىرىنى ھەم شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىنى دەلىللەپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقى، لېكىن «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ تاقالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىقنى تەكىتلىگەن.

پېتېر لوفېلھارت مۇنداق دېگەن: «بىز رايوندىكى بىخەتەرلىك مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئازايتىلغانلىقى ۋە ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. تېخى يېقىندىلا خىتاي رەھبەرلىرى شىنجاڭدىكى قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى» .

پېتېر لوفېلھارتنىڭ تەكىتلىشىچە، غەرب خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە داۋاملىق چاقىرىشى كېرەك ئىكەن. پېتېر لوفېلھارت: «بىز خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەۋسىيەسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئادالەت باش ئەلچىسى بەت فون شاك خانىم سۆزگە چىققاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» رايوندىكى قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى ئاشكارىلاش، ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قارىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىكەن.

فون شاك خانىم مۇنداق دېگەن: «بۇ دەھشەتلىك ئەندىشىلەرنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ ھەم قىلىشى شەرت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ب د ت قوغدىغۇچى ۋە تەرتىپنى ساقلىغۇچى سۈپىتىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەدىسى بويىچە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلەتلەر ھەرقانداق جايدىكى ۋەھشىيلىككە سۈكۈت قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردىمۇ، تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. »

فون شاك خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشىدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. فون شاك خانىم: «نۆۋەتتە، بولۇپمۇ بىز شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشىدىن، خۇسۇسەن ئاتالمىش ‹قايتا-تەربىيەلەش› ياكى ‹كەسپىي تەربىيەلەش› مەركەزلىرىدىن رەسمىي تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. »

بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارشى «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئومۇمىي يۈزلۈك دىپلوماتىك ۋە تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنى، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ھەدىسى، ئادۋوكات، «ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ غەيرىي رەسمىي ئالىي تەتقىقاتچىسى رەيھان ئەسئەت، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇش بىلەن بىرگە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىمۇ ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رەيھان ئەسئەت: «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خىتاي خەلقئارالىق باستۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان مېخانىزملارنىڭ بىرى. بىزنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە بېرىش يولىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار بار. ماراكەش بۇ خىل تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ بىر مىسالى. بۇ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى قوغداش، خەلقئارا باستۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇش ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ ئورگانلارنى كەڭ كۆلەمدە قوللانماقتا» دېگەن.

«ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنى، خىتاينىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. «ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ۋەكىلى خېتىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ «نام شۆھرىتى ناچار خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار» ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا «يالغان ۋە يامان غەرەزلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. «ئاتلانتىك كېڭىشى» دىكى شۇ قېتىملىق يىغىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 21-سېنتەبىر كۈنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەشنىڭ ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. خەن جېڭ ب د ت دا سۆزگە چىققاندا يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقىلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقىشى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە باستۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.