بۇ يىل 45 ياشلار چامىسىدىكى، ئاتۇش شورۇقلۇق تىجارەتچى ياقۇپ روزىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلى قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ياقۇپ روزى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا يۇرتىغا قايتقان، 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكېتىلگەن.
ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى لاگېردا جان ئۈزگەن. ساقچىلار ياقۇپ روزىنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىلار، ياقۇپ روزىنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ قىيىن-قىستاقتا ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئاتۇش شورۇقلۇق تىجارەتچى ياقۇپ روزى، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى لاگېردا جان ئۈزگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كاتتايلاق يېزىلىق ساقچى خادىمى، بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئىنكاس قىلىنىشىچە ئەسلىدە بىشكەكتە دۇكان ئاچقان ياقۇپ روزى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ يۇرتىغا قايتقان. ئۇ يۇرتىغا قايتقاندا ئالدى بىلەن پاسپورتى يىغىۋېلىنغان.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ بىر قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن؛ ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتكەندە، كېچىدە ساقچىلار ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىممۇ، ياقۇپ روزىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ۋە خەۋىرى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەقتە تېلېفوندا ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ياقۇپ روزى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما بىرەر قېتىممۇ ئېكراندا ياكى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان. ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ياقۇپ روزىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققان، ئەمما جەسەت ئائىلىدىكىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلمىغان، پەقەت ئۇلارنىڭ كۆزى ئالدىدا، تەيىنلەنگەن بىر نەپەر دىنىي زات تەرىپىدىن يۇيۇپ-تارىلىپ يەرلىككە قويۇلغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سۈنتاغ ساقچىخانا خادىمى ياقۇپ روزىنىڭ تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم ياقۇپ روزىنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۇ تۇتقۇندىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرەلمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00