ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا ياشلىرىغا كوممۇنىزىمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارىيا ئېلۋىرا سالازار خانىم 2-دىكابىر كۈنى 10 دىن ئارتۇق باشقا پالاتا ئەزالىرى ۋە كوممۇنىزىم قۇربانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مارىيا ئېلۋىرا سالازار خانىم مەزكۇر يىغىندا «كوممۇنىزمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە يىزىلغان چۈشەندۈرۈشتىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا، ئامېرىكادا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى ياشلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 2020-يىلدىكى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنىڭ كوممۇنىزم ئىدىيەسىگە ماھىللىقى بارلىقى مەلۇم بولغان.

«كوممۇنىزمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاساسلىق مەقسىتىگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسى ‹كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى› ئارقىلىق مائارىپ ساھەسىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. فوندى جەمئىيەت يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كوممۇنىزم ھەمدە مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ خەۋىپى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئاساسىي پرىنسىپلىرى بىلەن زىتلىقى توغرىسىدا تەربىيە بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ.»

مارىيا ئېلۋىرا سالازار خانىم مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ يەرگە ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپە ئۈچۈن توپلاندۇق. بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. ئۇلار كوممۇنىزىمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىدىغان كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى، ئەتىنىڭ رەھبەرلىرىدۇر. بۈگۈن دۆلەت مەجلىسىدىكى 60 نەپەر مەجلىس ئەزالىرى بىلەن بىرگە مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەمىزنى تونۇشتۇرماقچىمىز. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تېمىسىنى ‹مەكتەپلەردە كوممۇنىزمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش قانۇن لايىھەسى› دەپ بېكىتتۇق. بۇ قانۇن لايىھەسى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا كوممۇنىزىمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئەۋلاتلىرىمىزغا تراگىدىيەلىرىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بىرىدۇ. تارىخ ئالىقاچان كوممۇنىزىمنىڭ ئامېرىكادا بازىرى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىنتايىن زۆۈر بولغان دەرس. مەن ئۇلار بىلەن بىللە بۇ قانۇن لايىھەسىنى سۇنغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.»

مارىيا ئېلۋىرا سالازار خانىم مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» نىڭ رەئىسى ئانجىرۇۋ بىرېمبىرگ ئەپەندى كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى ئەسلەپ ئۆتكەن ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە بىز خىتايدا كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلارغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك گورۇپپىلارغا قارىتا ئىرقى قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاساسى قىسىمى مەجبۇرى تۇغماس قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ئەرلىرى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ياشلىرى ئاساسەن ئۆتمۈشتىكى ۋە كۈنىمىزدىكى كوممۇنىستىك رىجىمىنىڭ تارىخىنى بىلمەيدۇ. مىليونلىغان كىشىنڭ كوممۇنىست رىجىمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا كوممۇنىستلارنىڭ بەلگىلىرى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى مودا دەپ، كېيىپ يۈرۈيدۇ. ئامېرىكالىقلار چوقۇم كوممۇنىستىك رىجىمنڭ زىيانكەشلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۈگۈن تونۇشتۇرۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسى فىلورىدا شىتاتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن فىلورىدا شىتاتىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىغا كوممۇنىزىمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشتۇرىدۇ. بىز يەنە باشقا 50 شىتاتنىڭ ھەممىسىدە بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن ئامېرىكالىق ياشلارغا كوممۇنىزىمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمىز.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كوممۇنىستىك مۇستەنىت ھاكىمىيەتلەردىن قىچىپ ئامېرىكادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ۋەكىللرى سۆز قىلغان. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسنى ئاڭلاتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مائارىپ دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ ئۇۋىسى. بىز ئۆز ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئىنكار قىلىدىغان كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ خەتىرىنى تونۇتۇشىمىز كېرەك. بايا بېرىمبىرگ ئەپەندى ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق زىيانكەشلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرىغىنچىلىقىدىكى جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى. خىتاي كومپارتىيىسى دىنىي ئېتىقادقا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكادا مېنىڭ ئەركىن پىكىر قىلغانلىقىم ئۈچۈن ھەدەم دوكتور گۈلشەن ئابباس ۋە يولدىشىمنىڭ تۇغقانلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسى تۇتقۇن قىلدى. ئەركىن دۇنيانىڭ كەلگۈسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە باغلىق. بىز كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن، بالىلىرىمىز ۋە نەۋرىلىرىمىز ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، ئۆتمۈشتىكى دەھشەتلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، كوممۇنىزم ھەققىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرى تۈزۈلىدىكەن. «ۋەتەنپەرۋەرلىكتىكى پورترېت» ناملىق يۈرۈشلۈك تارىخى كىتابلار تەييارلىنىپ، ھەرقايسىي شىتاتلار ۋە يەرلىك مائارىپ رەھبەرلىرنىڭ تەستىقى بىلەن رەسمى دەرسلىك سۈپىتىدە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىكەن.