چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن خىتايدىن چېكىنىپ چىققان. بەزىلەر بۇ ئەھۋالغا رۇسىيە ئاۋىياتسىيە يولىنىڭ غەربتىكى نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە نىسبەتەن «ئىشىكنى تاقىشى» تۈپەيلىدىن مۇرەككەپلىشىشكە يۈزلىنىۋاتقان خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ياۋروپا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتايدىن چېكىنىشىدىكى بىر قىسىم سەۋەبلەر ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. خەۋەردە ئېتىلىشىچە، بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەبلەر خىتايدا بولماستىن بەلكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۇنيادىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشىدىن كېلىپ چىققان. يەنى ئۇرۇشتىن كېيىن بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسىم شىركەتلەرگە رۇخسەت قىلىنمىغان. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلمىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى دەسلەپ بولۇپ خىتايدىن ئايرىلىشقا باشلىغان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خىتاينىڭ تەلىپىگە قارىماي خىتايدىن ئايرىلىدۇ؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئىككى يىل مابەينىدە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە جازا يۈرگۈزگەن، پۇتىنمۇ رۇسىيەگە جازا بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە جازا چەكلىمىسى قويغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە ئىقتىسادىي تەننەرخى جەھەتتىن ۋە سىياسىي ۋەزىيەت جەھەتتىن سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رىقابىتىدە، خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭغا دەستەك بولۇشىدىن ئىبارەت سىياسىي ئىمتىيازلار ياراتقان ئالاھىدە ئېتىبارلارغا ئېرىشتۈرگەن. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

پۈتۈن دۇنيانى ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتكەن كوۋىد ۋاباسى مەزگىلىدە، خىتايغا بارىدىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە ناھايىتى قاتتىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چەكلىمىلەر قويۇلغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتايغا بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم. 2023-يىلى خىتاي ھاۋا يولىغا قويغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى كۈتكەنىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ خىيالى سۇغا چىلىشىپ، خىتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھازىر خىتايدىن چېكىنىپ چىققان.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازالىغان. بۇ ۋەزىيەت گەرچە شەرقىي ياۋروپا، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدە ئۇچۇشىنى چەكلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ چەكلىمە تۈپەيلىدىن غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خىتاي بىلەن ئالاقە باغلاشقا مەجبۇر قالغان ھەمدە بۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇلارغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى شەرھىيىلەپ مۇنداق دېدى.

«قارىماققا نۇرغۇن ئانالىزچىلار غەربىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدە، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ماھىيەتتە بۇ پارچىلىنىش، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە بۆلۈنگەن دۇنيا سەۋەبىدىن، كىشىلەر خىتاينىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئارزۇسىدىكىدەك مەبلەغ سېلىش ئورنى ۋە ياشاشتىكى مەنزىلگە يېتىش يولى ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، سىرتقى دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، خىتايغا بېرىش بۇرۇنقىدەك جەلپ قىلارلىق بولماسلىقى مۇمكىن.»

خىتاينىڭ «مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى» نىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا بىۋاسىتە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ سەككىز يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن. دەرۋەقە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خىتايدىن ئايرىلىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيەسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە، ھازىر ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى «تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەھەتتە تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ماھىيەتتە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىر تېخىمۇ بىخەتەر ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.

«مېنىڭچە بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى ئىسپاتلاشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە بۇ ھاۋا لىنىيەسىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ماھىيەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا بۇندىن كېيىن يەنە ئىزچىل كۆز يۇمىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھاۋا يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئىككى دۆلەت، بولۇپمۇ شەخسلەر ئۈچۈن بىخەتەر ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم بىر نۇقتا. ئېنىق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بولۇپ، بۇ ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى، سىرتتىن مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۇرۇنۇشىدۇر.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ ئۆز قاراشلىرىنى بىرقانچە نۇقتىلار بويىچە ئىزاھلاپ چىقتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى تۇزاققا چۈشۈرۈش ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۆكۈش ۋەزىيىتى خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك، بانكىچىلىق قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاھالەنكى، ياۋروپا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى قايسىلا نۇقتىدىن قارىغاندا خىتاي ئىقتىسادىغا يەنىمۇ ئېغىر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈرلۈك چارە-تەدبىر ئارقىلىق بۇ كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.