جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئابىدە ئورناتقان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-11-02
Share
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئابىدە ئورناتقان ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئالاقە خادىمى ۋە ئاكتىپ ئەزالىرىدىن يۇلتۇز تېيىپجان(ئوڭدىن ئىككىنچى) خانىم ئۇيغۇر كۆچمەنلەر قويۇلغان خىش ئابىدەنى كۆرسىتىپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئادېلايد، ئاۋسترالىيە.
Photo: RFA

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ خەۋەرلىرىنىڭ بىرى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن خىش ئابىدە ئورنىتىلغانلىقى بولدى.

ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ، فېيسبۇك سەھىپىسىكى سۈرەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى جەنۇبىي ئاۋسترالىيەنىڭ مەركىزى بولغان ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان كۆچمەنلەر مۇزېيىدا، كۆچمەن مىللەتلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن خاتىرە مەيدانىنىڭ 21 يىللىقىنى تەبركلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ كۈنىدىكى مۇراسىمدا مەزكۇر مەيدانغا قويۇلغان ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى خىش ئابىدىنىڭ بىرى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئۈچۈن قويۇلغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ مەركىزى بولغان ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان كۆچمەنلەر مۇزېيىدا، كۆچمەن مىللەتلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن خاتىرە مەيدانىغا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قويۇلغان خىش ئابىدە.  2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئادېلايد، ئاۋسترالىيە.
ئاۋسترالىيەنىڭ مەركىزى بولغان ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان كۆچمەنلەر مۇزېيىدا، كۆچمەن مىللەتلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن خاتىرە مەيدانىغا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قويۇلغان خىش ئابىدە. 2021-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئادېلايد، ئاۋسترالىيە.

خىش ئابىدىگە ئىنگىلىزچە قىلىپ «ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ئاۋسترالىيەگە ئەڭ دەسلەپ 1980-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن» دېگەن سۆزلەر ئويۇلغان ئىكەن. مۇزېينىڭ مەزكۇر تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ بىر قىسىم ئاكتىپ ئەزالىرى قاتناشقان.

بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ ئالاقە خادىمى ۋە ئاكتىپ ئەزالىرىدىن يۇلتۇز تېيىپجان خانىم، خىش ئابىدىگە «ئۇيغۇرلار» دېگەن مىللەت نامىدىن باشقا يەنە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنىڭ ئويۇلغانلىقى ئۇلارنى قاتتىق ھاياجانغا چۆمدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ «ئۇيغۇر» نامىنىڭ جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى بۇ تارىخي ئەھمىيەتلىك خىش ئابىدىگە ئورنىتىلىشىغا «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ۋەسىلە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇلتۇز خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گەرچە بۇ ئۇيۇشما 2020-يىلى 2-ئايدا رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدىكى 13 يىل داۋامىدا بۇ ئۇيۇشما ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ خىزمەتكەرنى قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

بىز ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف خانىمدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيەگە ئەڭ دەسلەپ كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى سورىدۇق. ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ 1980-يىللاردا جەنۇبىي ئائۋسترالىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇيغۇر، تاتار ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رامىلە خانىم يەنە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىنىڭ خاتىرە خىش مەيدانىغا شەرقىي تۈركستانلىق مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنىڭ خاتىرىسىنى قالدۇرغانلىقىدەك مۇھىم ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

رامىلە خانىم بۇ خاتىرە ئابىدىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئېتىراپ قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈندىن ئېتىبارەن مەزكۇر مۇزېينى زىيارەت قىلغۇچىلار، باشقا كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىخى بىلەن تەڭ شەرقىي تۈركستاندىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدىكى رولىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم بىر پۇرسەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رامىلە خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئەڭ دەسلەپكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار سۈپىتىدە جەنۇبىي ئاۋسترالىيەگە كەلگىنىگە 40 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەمدىلا 700 گە يەتكەن ئىكەن.

كۈچمەنلەر چوڭ دۆلىتى بولغان ئائۇسترالىيەدە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر سان جەھەتتە يەنىلا ئىنتايىن ئاز بىر توپلۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇشتا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتىكەن.

جەنۇبي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيى تورىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر مۇزېي 1986-يىلى قۇرۇلغان. سابىق ئادېلايد شەھەرلىك پاناھلىق ئورنىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كۆچمەنلەر مۇزېيى ئاۋىسترالىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىغا بېغىشلانغان تۇنجى مۇزېي بولۇپ، بۇ مۇزېي جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيەنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتلىرىنى قوغداش، چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر مۇزېي يەرلىك كىشىلەر ۋە زىيارەتچىلەرگە جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيەنىڭ مول مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلەر تارىخىنى ئۆگىنەلەيدىغان بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن. كۆچمەنلەر مۇزېيى ئادېلايدنى زىيارەت قىلغۇچىلار چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئەڭ «جەلپ قىلارلىق» 18 ئورۇننىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت