ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە «ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» قۇتلاندى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئانا تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتنىشىشىدا روزا ھېيىت ۋە «ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۇلتۇز خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئىسمىم يۇلتۇز، جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەم ئىزچىلار سىنىپىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىمىز ‹مەرھابا روزا ھېيىت، مەرھابا ئۇيغۇر تىلى› پائالىيىتىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق. ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مىللىي ئىپتىخارى بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقان ئوماق پەرزەنتلىرىمىز پىداكار ئۇستازلىرىغا ۋە قەدىرلىك ئاتا-ئانىلىرىغا ئۆز تەشەككۈرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوشاق، شېئىر ۋە ناخشىلىرى بىلەن تەقدىم قىلدى.»

يۇلتۇز خانىم يەنە ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن نومۇرلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: ««مايسىلار» سىنىپى ئوبچە قوشاق يادلىدى شۇنداقلا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردى. «سەبىيلەر» سىنىپىدىن زۇلپىقار سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. ‹غۇنچىلار› سىنىپىدىن ئىمران ‹سالام خەلقىم› ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، قەلبىمىزنى ھاياجانغا سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىمىز مۇنىرە ‹بۇغراخانلار تەزكىرىسى› دىن بىر ئابزاس دېكلاماتسىيە قىلدى، ھەمزە ‹ئاھ، ئاتىلار› شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتىن ھەممىمىز شۇنچىلىك ئۈمىدلەندۇق ۋە جاسارەتكە ئېگە بولدۇق. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ھېيتلىق سوۋغات سۈپىتىدە سومكا تەقدىم قىلدۇق.»

جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەلىكەزات خانىم مەزكۇر مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئاۋىستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قوللىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان بولۇپ، 20 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئېگە. مەزكۇر ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەكتىپىمىزدە ھازىر 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىگە قاراپ 5 سىنىپقا بۆلۈنگەن. بالىلار بۇ مەكتەپتە ھەر شەنبە كۈنى 2 يېرىم سائەت ئوقۇيدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئېگىلىشى ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتى بويىچە سىنىپقا كىرىپ ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەملىشىدۇ.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە مەكتەپكە كېلىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىرلىشىپ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىمىز. مەكتەپنىڭ توختاپ قالماي مۇنتىزىم ھالدا داۋام قىلىشى ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرلىرى مائارىپ ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىدۇ، مائارىپ ئىدارىسىمۇ مەكتىپىمىزنى قوللاپ، ھەر جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ.»

مەزكۇر پائالىيەتتە يەنە «غۇنچىلار» سىنىپىدىن مۇنىرە يۈسۈپ «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» دىن ئارىيەنى، «ئىزچىلار» سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئاۋستىرالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەمزە شەمسىدىن شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «ئاھ، ئاتىلار» شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن مەكتەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.