ئاۋسترالىيە ئانا تىل مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى: «خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدۇق! »
2024.03.07
ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەكتەپ نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپ ۋە مەكتەپتە پىدائىي بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتايدىن كەلگەن ھەر خىل تۆھمەت ۋە بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە بۇ ئەھۋاللارنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتلىق مائارىپ ئىدارىسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي مۇنبەرلەردە تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىغان.
مەزكۇر باياناتتا دېيىلىشىچە، 2023-يىلدىن باشلاپ خىتايدىن ۋىزا ئېلىپ يۇرتلىرىغا قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئانا تىل مەكتەپلىرىگە بولغان تۆھمەت خاراكتېرىدىكى ھۇجۇملار كۆپەيگەن. ئۇلارغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يۇرتلىرىغا قايتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۇلارنىڭ ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تارىخىنىڭ بار-يوقلۇقى، بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلغان.
ۋىكتورىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى نادىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپكە قىلىنغان تۆھمەت تۈسىنى ئالغان ھۇجۇملار بۇلتۇر 7-8-ئايلاردىن باشلاپ كۈچەيگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە پىدائىي بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا خىتايدىن ۋىزا ئېلىپ يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇتقۇچىلار ھازىرچە يوق ئىكەن. ئەمما «ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلارنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۈرۈشتە قىلغانلىقى» ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يالغان ئۇچۇرلار، شۇنىڭدەك ئانا تىل مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە قىلىنغان تور ھۇجۇملىرى مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا روھى جەھەتتىن ئەندىشە ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغان ئىكەن.
نادىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مېلبورن شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە ئىشتاتلىق مائارىپ ئىدارىسىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقىنى توردا بايانات ئېلان قىلىش شەكلىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى يۇلتۇز تېيۇپجان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارقىلىق قىلغان بېسىملىرى ۋە نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە قىلىنغان تور ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
يۇلتۇز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە قىلىنىۋاتقان تۆھمەت ۋە تەھدىت خاراكتېرىدىكى تور ھۇجۇملىرى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. ئەمما مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلىدىغان ئىسىمسىز تور ھۇجۇملىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر يۈز بەرگەن تور ھۇجۇملىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن باشقا بېسىملار سەۋەبىدىن يېقىندا ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىن تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇلارمۇ بۇ ئەھۋاللارنى يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايەلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى كۈچەيگەندىن بۇيان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشتەك «ئېتىبار سىياسەتلىرى» مۇھاجىرەتتە تېزدىن «سىياسىيدىن يىراق تۇرۇش» دولقۇنىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرۇنچە ۋىزا ئېلىپ ۋەتەن زىيارىتىگە ماڭغانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلار تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك غۇلغۇلىلار يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى تور سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.