ئاۋسترالىيە ئەمەلدارى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.27
Mejburiy-Emgek-karton ئەمگەك ئەسلىھەلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كارخانا لىنىيەسىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كىيىملەرنى قاتلاۋاتماقتا.
Yettesu

ئاۋسترالىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كەڭ كۆلەملىك ئىمپورت قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاۋسترالىيە قۇللۇق ئەمگىكىنى چەكلەش دائىرىلىرىنىڭ دىققىتى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. ئاۋسترالىيەنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ھەپتە ئاشكارىلىغان دەلىللەر ئاۋسترالىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە قارشى ھازىر ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ يىتەرسىز بولغانلىقى، ھۆكۈمەت بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىر ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنى دەرھال باشلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مىڭلىغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا، گەرچە ئامېرىكا نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك جازا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ داۋاملىق ئارتقانلىقى، ھەتتا سىدنېي مېترو ئەسلىھەلىرىنىڭ پارچىلىرىنىڭمۇ بۇ شىركەتلەرگە زاكاز قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ گېزىت ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ جازا تىزىملىكىدىكى 8 خىتاي شىركىتىنىڭ 2020-يىلىدىن بېرى، ئاۋسترالىيە ئىمپورت شىركەتلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت تاموژنا دېكلاراتسىيەسىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن. دوكلاتتا، قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ئىمپورت شىركەتلىرىنى تەمىنلىگەن مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئاپتوموبىل باتارېيەسىدىن تارتىپ پويىز پارچىلىرىغىچە، بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىدىن تارتىپ، تېتىتقۇ ۋە يېمەكلىك خۇرۇچلىرىغىچە، شۇنداقلا لازېرلىق باسما ماشىنىلىرىغىچە نۇرغۇن مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ 8 خىتاي شىركىتىگە جازا قويغاندىن كېيىنمۇ، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ شىركەتلەردىن مال ئىمپورت قىلىشى تېخىمۇ كۆپىيىپ، 2023-يىلى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ ئەھۋال دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتىمۇ كۆرۈلگەن. ئاۋسترالىيەلىك دېڭىز مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغۇچىلىرى، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دېڭىز مەھسۇلاتى شىركەتلىرىنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتىنى كىرگۈزگەن.

ئاۋسترالىيە قۇللۇققا قارشى تۇرۇش كومىسسارى، سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى (Chris Evans) كرىس ئېۋانىس، 23-يانۋار رادىيومىزغا بەرگەن مەخسۇس يازما باياناتىدا «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنى دەرھال باشلىشى، شۇنىڭدەك بۇ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ جىددىي ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كرىس ئېۋانىس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىللەر ئاۋسترالىيەنىڭ ھازىرقى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللۇق خەۋپىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋەدىسى قارشى ئېلىنسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش سۈرئىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. مەن ھۆكۈمەتنى بۇ خىزمەتنى دەرھال باشلاشقا چاقىرىمەن.»

كرىس ئېۋانىسنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەشتە شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى پارلامېنت جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە ھەل قىلىشى كېرەك ئىكەن. باياناتتا كرىس ئېۋانىس: «بىزنىڭ ئىسلاھات ئەندىشىلىرىمىز ئۆرلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارا شېرىكلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىش مېخانىزملىرىغا يۈزلەنمەكتە. بۇ، ‹زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى قانۇنى› نى كۆزدىن كەچۈرۈشتە پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغانلىقتۇر. بۇ، پارلامېنت تەرىپىدىن جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە ھەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن.

ئاۋسترالىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 19-يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتى، تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان تاۋارلىرىنىڭ تۈرى ھەم كۆلىمى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىغان.

 «ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف (Ramila Chanisheff) نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاۋسترالىيە قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەشتە قانۇن چىقىرىش بىلەن بىللە سىياسەتنىمۇ تەڭ كۈچەيتىلىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن ئۇ، بۇنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رامىلە چانىشېف مۇنداق دەيدۇ: «قانۇن چىقىرىش بىلەن سىياسەت تەڭ كۈچەيتىلىشى كېرەك. بىز ئۆتكەن قېتىمقى ‹زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› غا پىكىر بېرىشتە، بىز 13 تەك تەكلىپ پىكىر بەرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئاساسەن ھەممىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇلار يالغۇز خىتايدىن ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىن ئىمپورت قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش سىياسىتىنى كۈچەيتىمىز، دېيىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ناھايىتى ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.»

رامىلە چانىشېفنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە خىتايدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى خىتايدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىكەن. رامىلە چانىشېف 23-يانۋار بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلماقتا. بۇ، كارخانىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشىمايدۇ. باشقا دۆلەتلەردە ئەمگەك كۈچلىرىنى كارخانىلار ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى بۇ ‹ھاشار›، خىتايدا دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھامىيلىقىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇڭا، ئاۋسترالىيە قۇللۇققا قارشى تۇرۇش كومىسسارىنىڭ بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا سۆزلىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.»

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەگە مال ئېكسپورت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان «Camel گۇرۇھى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى»، «Chengguang بىئو-تېخنولوگىيە گۇرۇھى»، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان «Hoshine (پىچان) سىلىكون سانائەت چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى»، «جىخەي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ۋە «KTK گۇرۇھى» قاتارلىق كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دوكلاتتا، سانلىق مەلۇماتلاردىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدىكى «Camel گۇرۇھى» بىلەن «KTK گۇرۇھى» نىڭ دائىملىق مال تەمىنلىگۈچىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، ئاۋسترالىيەمۇ ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قانۇن چىقىرىشىنى تەقەززا قىلماقتىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە تارمىقىنىڭ دىرېكتورى دانېيلا گاۋشون (Daniela Gavshon) مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ قانۇن چىقىرىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ. ئامېرىكادىكى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› (UFLPA) ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئىجرا قىلىش مېخانىزمىدۇر. كۈچلۈك قانۇنىي تەدبىرلەرنىڭ بولماسلىقى ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. »

 دانېيلا گاۋشوننىڭ 23-يانۋار رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ دوكلاتى ئاۋسترالىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىغا قارشى نىشانلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دانېيلا گاۋشون مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئامېرىكانىڭ تۇتقان يولىنى تۇتۇپ، ھەرقانداق بىر شىركەت شىنجاڭدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلماقچى بولسا، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىشتەك نىشانلىق تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈش كېرەك.»

ئاۋسترالىيەنىڭ «زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2019-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، شۇنداقلا يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئۇنىڭغا بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما رامىلە چانىشېف بۇ قانۇندا يەنىلا نۇرغۇن بوشلۇقلارنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە قادىر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە. رامىلە چانىېف: «بۇ قانۇندا بەزى ئاچقۇچلۇق ھالقىلار كەمچىل، كۈچلۈك ئەمەس، شۇنداقلا ئىجرا قىلىشتا نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار. ‹زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نىڭ ئاۋسترالىيە قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا نۇرغۇن بوشلۇق، نۇرغۇن ئۆتكەللەر بار، خىتاي ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاۋسترالىيەگە كىرگۈزۈشتە بۇنىڭدىن پايدىلانماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى، سابىق بايدېن ھۆكۈمىتى 17-يانۋار كۈنى، ۋەزىپىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، خىتاينىڭ 37 شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 150 كە يەتكەن. بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان «خۇافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتى» ۋە ئۇنىڭ 25 تەمىنلىگۈچى تارماق شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.

لېكىن چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق، پىلانلىق ھەم كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغانلىقىغا دائىر رەت قىلغۇسىز دەلىللەر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلماقتا ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۈن ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، «ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.