ئاۋسترالىيەدە «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» شوئارى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، برىسبانە، مېلبورن ۋە ئادېلايد قاتارلىق 4 چوڭ شەھىرىدە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» شوئارى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ 30 ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشقان بۇ نامايىشتا خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا، غەرب دۆلەتلىرىنى بولسا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى توختىتىش مەقسىتى بىلەن رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمنى خىتايغىمۇ ئىشلىتىشكە چاقىرغان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەمەت چەلەپچى ئەپەندى، مېلبورندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئالىمجان ئوسمان ۋە ئادېلايتتىكى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى تاش يارى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىدنېي ۋاقتى ئون ئىككىدىن ئىككىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى زۇلپىيە خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى ۋە ياش پائالىيەتچى سۈمەييە جۈرئەت قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىدى.

مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 20-مارت، ئاۋسترالىيە.
مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 20-مارت، ئاۋسترالىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئاياللارنى قىسىرلاشتۇرۇش، جازا لاگېرلىرىغا سولاش قاتارلىقلارنى پاش قىلىپ، تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىدنېيدىكى ۋەكىلى مەمەت چەلەپچى ئەپەندى بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان 30 ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نامايىشنىڭ ئۈنۈمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مەقسىتى بىلەن 4 تېمىدا ھەم پىكىر بولدۇق. بىرىنچىسى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش. ئىككىنچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەڭ-كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش، ئۈچىنچىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش. تۆتىنچىسى بولسا خىتاي ماللىرىنى بايقوت قىلىش. بۇلاردىن باشقا نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان 30 ئاممىۋى تەشكىلات غەرب ئەللىرىنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى توختىتىش مەقسىتى بىلەن رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئوخشاش خىتايغىمۇ بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىردى».

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورندا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئالىمجان ئوسمان ئەپەندى، مەزكۇر نامايىشقا ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبورن، برىسبانە ۋە ئادېلايد قاتارلىق 4 چوڭ شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ قارايمەن. چۈنكى مۇسۇلمان جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تونۇشتۇرۇش، شۇنداقلا مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەرگىمۇ ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىسى زور. ئىككىنچىدىن ئاۋسترالىيەدىكى مۇسۇلمانلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋەردار بولسا دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى بۇزۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا پايدىسى بار دەپ قارايمەن».

تاش يارى ئەپەندى ئادېلايد شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ئورتاق نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە 30 ئاممىۋى تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان 4 چوڭ شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشقا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى زور كۈچ چىقارغان ۋە ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتناشقان.