شۆھرەت تۇرسۇن: «ئۆز سەنئىتىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويىمىز»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە بىر قانچە خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتلىق پائالىيىتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. چۈنكى مەزكۇر پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ كېيىملىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ «بەختلىك ئۇيغۇر» ئوبرازىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان.

مېلبورندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە 8-ماي كۈنى روزا ھېيتلىق سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېلبورن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئوسمان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئۇ مېلبورندا يۈز بەرگەن ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «4-ماي كۈنى خىتايلار بىزنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىپ ‹بەختلىك ئۇيغۇرلار› تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن روزا ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ. بىز 8-ماي كۈنى شەھەر باشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، روزا ھېيتلىق سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق، ھەققىي ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى ۋە نۆۋەتتە ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ چۈشەندۈردۇق.»

ئالىمجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ئالدىنقى يىللاردا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن. بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى جىددىي قاراپ، ھەر قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەققىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئاشۇ شەھەرلەردە قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى تېڭ بياۋ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىلگىرىكىدىن كۈچەيگەنلىكى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ساياھەتچىلەرنى جەلب قىلىش ئۈچۈن خىتايلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇندايدىغان سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دۆلەت سىرتىدا، جۈملىدىن ئاۋسترالىيەدە بىر تۈركۈم «خىتاي نەسىللىك شىنجاڭلىقلار» نى ئىشقا سېلىپ، بۇ قېتىم مېلبورندا ئېلىپ بارغان «بەختلىك ئۇيغۇر› تەشۋىقاتى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئاۋسترالىيەدىكى بۇ ھادىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە قاراتقان كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بىز مېلبورندا 4-ماي كۈنى روزا ھېيتلىق سەنئەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي جەمئىيەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشىپ كۆردۇق، ئەمما ئۇلار تارقاتقان توردىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى ئۇلانمىدى. ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى ئەزالىرىدىن بەزىلىرىنىڭ نومۇرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار تېلېفوننى ئالمىدى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى تونۇتۇشتا تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ «بەختلىك ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى ساختا تەشۋىقاتىغا ئاسانلىقچە ئالدىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.