27-فېۋرال كۈنى مەركىزى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. سايلامغا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، سىدنېي شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەرھۇم ھەسەن ھۈسەن ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سىدنېيدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئىزچىل ھالدا د ئۇ ق نى قوللاپ كەلگەن. بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىكى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، بۇ قېتىملىق سايلامىنى 27-فېۋرال كۈنى ئېلىپ بارغان.
سايلامدىن ئىلگىرى تەشكىلاتنىڭ كونا رەھبەرلىك ھەيئىتى سەھنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۆتكەن 3 يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان. خىزمەت دوكلاتىدىن كېيىن، مالىيە دوكلاتى تەقدىم قىلىنغان.
سايلامغا د ئۇ ق ۋەكىلى گۈلمىرە ئىمىن خانىم باشلىق 3 كىشىلىك بىر ھەيئەت رىياسەتچىلىك قىلغان. سايلام دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەمەت ئوبۇل ئەپەندى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان.
رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن، جۈرئەت ئابدۇكېرىم، گۈلمىرە زۇنۇن، زۇلفىيە ئەرك ۋە تالغات ئابباس قاتارلىق كىشىلەر ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى بولۇپ سايلاپ چىقىلغان.
يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىككە سايلانغان مەمەت ئوبۇل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
مەمەت ئوبۇل ئەپەندى ئۆزىنى رەئىسلىككە نامزات قىلىپ كۆرسىتىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئاۋسترالىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇغۇۋاتقانلىقىنى بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ دەۋانى يېڭى بىر پەللىگە چىقىرىش ئۈچۈن قايتا نامزات بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان جۈرئەت ئەپەندى 2005-يىلى قۇرۇلغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا ياشلاشقانلىقىنى، سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇندىن كېيىنمۇ د ئۇ ق نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋستراليە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، د ئۇ ق ئىچكىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى، يىغىندا مەرھۇم سىياسىي پائالىيەتچى ھەسەن ھۈسەن ئاكىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ ئەسلەپ ئۆتۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئاۋستراليە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى، مېلبورندا ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.