ئاۋسترالىيەنىڭ لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019.04.29
soldin-5-kishi-james-leibold.jpg ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىگە جايلاشقان لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن» ناملىق يىغىندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. (سولدىن 5-كىشى دوتسېنت، دوكتور جېيمىس لېيبولد ئەپەندى). 2019-يىلى 26-ئاپرېل ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

26-ئاپىرىل ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شتاتىغا قاراشلىق مېلبورن شەھىرىگە جايلاشقان لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. لاتىروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزكۇر يىغىنغا دوتسېنت، دوكتور جېيمىس لېيبولد رىياسەتچىلىك قىلدى.

جېيمىس لېيبولد ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر پائالىيەت ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكادىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوستۇم تىموسې گىروس تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىندى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇشۇنداق بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلىغان ئىكەن. كېيىن ئۇ باشقا ئاكادېمىكلار بىلەن بۇ توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن مەزكۇر پائالىيەتنى بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاكادېمىكلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. سۆھبىتىمىز 26-ئاپىرىل كۈنى مېلبورن ۋاقتى12 دە باشلىنىپ، 6 دۆلەتتىكى 15 ئىلمىي تەتقىقاتچىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن باشلاندى. ئاۋسترالىيە خەلقئارالىق كۈن ئالمىشىش سىزىقىغا يېقىن دۆلەت بولغاچقا مەن تۇنجى بولۇپ مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزلىدىم. سۆھبىتىمىز بۈگۈن ئاۋسترالىيەدىن باشلىنىپ، 26-ئاپرېل ئاياغلاشقۇچە داۋام قىلىدۇ. ئاۋسترالىيەدىن كېيىنلا ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر شۇنداقلا كانادادا داۋاملىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئاياغلىشىدۇ.»

جېيمىس لېيبولد ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتكە «كېسەل داۋالاشمۇ ياكى بىمارلارنى ئۆلتۈرۈشمۇ؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر رادىكاللىققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىدە كېسەللىك بار، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتى ناھايىتى خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى داۋالاۋاتىمىز دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ ياكى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ ھەرىكەت ناھايىتى زەھەرلىك ۋە رەزىل بىر قىلمىشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە كېسەل داۋالىمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، ھەتتا ھاياتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەت گەرچە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ ياكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.»

جېيمىس لېيبولد ئەپەندى مەزكۇر سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر سۆھبەت دۇنيا ئۆىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇنداق پائالىيەتلەر ياكى سۆھبەتلەر ئارقىلىق لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشلارغا، مېڭە يۇيۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى رەتلەپ، ھۆججەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنىڭ خاتا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېر ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇۋېتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىنى ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلدۇق.»

نەق مەيدانغا قاتناشقان مېلبورىن شەھىرىدىكى ۋېكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئوسمان ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتكە 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ لېكسىيە ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاگېرلار توغرىلىق بولدى، بۇنىڭدا ئاساسەن دەسلەپكى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشقا تىرىشقانلىقى، كىيىن خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن بۇ لاگېرلارنى ‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش›، ‹تېخنىكا ئۆگىتىش مەركىزى› دېگەن يالغان ناملار ئاستىدا تەشۋىق قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇ لاگېرلارنىڭ تۈرمە بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.»

ئۇ يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش يىغىنلارنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە مېلبورىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500-600 بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەتكە 10 دەك ئۇيغۇرلار قاتناشتى، بىز بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق يىغىنلارغا كۆپرەك قاتنىشىشنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلارنى قوللاشقا تىرىشىمىز.»

سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە مەسئۇلى نۇرگۈل ساۋۇت خانىم مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۆتكەن يىلى باشلانغان خەلقئارادا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى تونۇتۇش لايىھەسىنىڭ روھىغا ئەگەشكەن ئاساستا خەلقئارادىكى 160 تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتىڭلاردىكى ئاكادېمىكلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈرمىلەرگە سولىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن قايسى دۆلەتتە قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىمكان يار بەرسە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە تۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان.»

نۇرگۈل ساۋۇت خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «يىغىندىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ‹جاۋابسىز قالغان تېلېفون› ناملىق فىلىمنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ، مەزكۇر فىلىمنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.» نۇرگۈل ساۋۇت خانىم يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جېيمىس لېيبولد ئەپەندى لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جەمئىيەتشۇناس، تارىخشۇناس بولۇپلا قالماستىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان كىشى. مەزكۇر پائالىيەتتىن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن بىز بۇ پائالىيەت ئۈچۈن قانداق ماتېرىياللارنى تەييارلاش كېرەك، نېمىلەرنى يېزىش كېرەك، دېگەن مەسىلىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق.»

ئادېلايدتىكى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىم مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن، يەنى 26-ئاپىرىل مېلبورندىكى لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدا جېيمىس لېيبولد ۋە ئامېرىكىدىكى تىموسى گىرۇس قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىكتۇر. چۈنكى ئاۋسترالىيەدىكى ئاكادېمىكلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاۋسترالىيە ئىچىدە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى بىزنىڭ مەسىلىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىدۇر. بىز ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن جېيمىس لېيبولد ئەپەندىمگە خەت يېزىش ئارقىلىق بىزگە بولغان غەمخورلۇقىغا تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈردۇق.

نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىم يەنە بۇنداق پائالىيەتلەرنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە دېموكراتىيە ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇپ، غەرب دۇنياسىدىكى بولۇپمۇ ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان، بىزنىڭ مەسىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاكادېمىكلارنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە، تاراتقۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلۋەتتە قىزغىن قارشى ئالىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.