ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قىيىن ئەھۋالدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئاۋسترالىيەگە يەرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنغان
2024.05.31

ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئاندرېۋ گىلەس (Andrew Giles) خانىم سىدنېيدىكى ھەر قايسى جامائەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىن چاقىرىپ، 2024-2025-يىللىق كۆچمەنلەر خىزمەت پىلانى توغرىسىدا پىكىر ئالغان. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ كۆچمەنلەر مىنىستىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىنى سۇنغان.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى سىدنېيدىكى مۇھىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ 2024-2025-يىللىرى كۆچمەن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى توغرىسىدا كۆز قاراش ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئالدى. يىغىنغا كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئاندرېۋ گىلەس خانىم، مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا 30 ئەتراپىدا جامائەت ۋە تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن بىر ۋەكىل ئىشتىراك قىلدى. »
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يىغىندا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا بىر قاتار تەكلىپلەرنى سۇنغان. مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى مەزكۇر تەكلىپنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، چەت ئەللەردىكى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارغا ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت پىلانى ئىچىدە ئالاھىدە سان ئاجرىتىشقا، شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئەھۋالدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاۋسترالىيەگە يەرلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇلار بىرىنچىسى، تايلاندنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە تۈرمىلىرىدە 10 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار؛ ئىككىنچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ماراكەش، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى بولمىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار. ئۈچىنچىسى، چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان، ئەمما قولىدىكى خىتاي پاسپورتىنىڭ مۇددىتى توشۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردە تۇغۇلغان بالىلىرى. كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئاندرېۋ گىلەس خانىم ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى تايلاندقا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى. »
مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى، ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولۇپ بولغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ بەزى تەلەپلەرنى كۆچمەنلەر مىنىستىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار خىتاي ۋىزىسى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان چاغدا، ئۇلاردىن ئاۋسترالىيەدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىنى قانداق ئالغانلىق توغرىسىدا رەسمىي ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭچە، بۇ قانۇنسىز بىر مۇئامىلىدۇر. مۇشۇ سەۋەب بىلەن بىز ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋسترالىيە ۋەتەندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشىنى ۋە بۇ يەردىمۇ ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى، شۇنداقلا خىتايدىن بۇ خىل ئادالەتسىز قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. »
مەھمەت جەلەپچى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى بۇ تەلەپلەرنى ئاغزاكى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى رەسمىي بىر دوكلات شەكلىدە تەييارلاپ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىغا سۇنىدىكەن.
ئۇنداقتا، مەھمەت جەلەپچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتىدىن بىرەر نەتىجە چىقىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ ئۇ بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قەدەم ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئاۋسترالىيە ۋەتەندىشى بولغان كىشىلەردىن ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىنى قانداق ئالغانلىقى توغرىسىدا خىتاي كونسۇلخانا ياكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئىسپات تەلەپ قىلىشى غەلىتە ئىش. ئاۋسترالىيە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە بولسىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، دەپ قارايمەن. »
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنيادا بىلىنىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل تەلەپلەرگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيە جەنۇبىي يېرىم شاردىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ بۇرۇن بېرىپ يەرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.