ئاۋستىرالىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

29-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي ۋە مېلبورىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بەختىيار ئەپەندى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «9-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكشەنبە ئاۋستىرالىيەدىكى دېموكراتىك ۋىيېتنام تەشكىلاتى، خوڭكوڭلۇقلار، فالۇنگۇڭ ۋەكىللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇ بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشتى. نامايىش سائەت 1 دە باشلىنىپ سائەت 3 دە ئاخىرلاشتى.»

بەختىيار ئەپەندى يەنە نامايىشنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىش ئاخىرلىشىشى بىلەن 2000 دىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇقلار بىز نامايىش قىلىۋاتقان شەھەر مەركىزىگە يۈرۈپ كەلدى. ئۇلار بىزنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىمىزنى لەپىلدەتكەن نامايىشچىلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ، قىزغىن ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن نامايىش قىلدى.»

مېلبورىندىكى ۋېكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئەپەندى مېلبورىندىكى نامايىشتىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى نامايىشقا خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتىيە تەشكىلاتى ئەزالىرى بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئوخشىمىغان مىللەتلەر قاتناشقان بولساقمۇ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ۋە نىشانىمىز بىر. ئەگەر خوڭكوڭلۇقلار غەلىبە قازانسا، بەلكى بىزمۇ غەلىبىگە قاراپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن بولىمىز.»

ئالىمجان ئەپەندى يەنە خوڭكوڭلۇقلاردىن ئېلھام ئېلىش كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلىرىدە مەخپىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. لېكىن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈرىشىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى نەق مەيداندىن كۆرۈۋاتىدۇ، دېمەك، دۇنيا خەلقى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كۈرىشىگە دىققەت ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە بىزنىڭمۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئۆزىمىزنىڭ دەرتلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشىمىز خوڭكوڭلۇقلاردىن ئىلھام ئېلىشىمىز كېرەك.»

29-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىنىڭ مەركىزى كوچىلىرىدىن بىرى بولغان روندىل مولدا ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىلىشتا ئادېلايدتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلدانە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتىمەن. ئۇ يەنە شىنجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىز بولساق شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىمىز، يەنى ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىز بۈگۈن ئۆزىمىزنىڭ خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەردىمىز. ئەگەر خوڭكوڭلۇقلار ھازىر ئورنىدىن دەس تۇرمىسا بىزگە ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بىز بۇنى 70 يىلدىن بېرى تارتىپ كېلىۋاتىمىز. 3 يىلنىڭ ئالدىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ناچارلاشتى، بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاندى. بىز بۈگۈن ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەرنى پاش قىلىۋاتىمىز. ھېچكىم بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋالالمايدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىمىز ۋە دىنىي ئەركىنلىكىمىزگىمۇ ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. خوڭكوڭلۇقلار بۈگۈن بىز ئۇچرىغان بۇ قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خوڭكوڭلۇقلارنى قوللايمىز ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىمىز.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايىد شەھىرىدىمۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ 70 يىللىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىكەن.