ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە مۇقام كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاۋسترالىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ سەنئەتكارلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە مۇقام كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر كېچىلىك مېلبورندىكى كولىڭ ۋۇد رايونىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە مەزكۇر كېچىلىككە ھەر مىللەت كىشىلىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. مېلبورندىكى «ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئالىمجان ئەپەندى بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ مۇقام سەنئەت كېچىلىكى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ياردىمىدە ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كېچىلىككە 300 دىن كۆپ تاماشىبىن قاتناشتى.

ئالىمجان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئەگەر دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسە مۇشۇنداق بىر شانلىق مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەردە ئازاب-ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلدى. بۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تونۇتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەگە ۋە دۇنياغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋەرسە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى خىتاب قىلدۇق».

مەزكۇر پائالىيەتكە كۆپ ساندىكى ئاۋسترالىيەلىكلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ۋىكتورىيە خانىم مۇنداق دېدى: «مۇزىكا بەك گۈزەل ئىدى، پائالىيىتىڭلار ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. ئەپسۇس مۇشۇنداق گۈزەل بىر مەدەنىيەت خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ يوقىتىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ زۇلمەتلەرگە ئاۋازسىز قېلىشىدىن نەپرەتلىنىمەن. سىلەر مۇقەددەس بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرى، ئىشىنىڭلاركى سىلەر چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر. ھەممىڭلارنى، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى سۆيىمەن».

پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلاردىن مايىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مۇقام يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن بەلكى دۇنيا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مىراسىدۇر. بىز بۇ كېچە سېھىرلىك مۇزىكا ۋە نەپىس ئۇسۇلدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇق. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن زوقلاندۇق. شۆھرەت تۇرسۇن ۋە كەسىپداشلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن ۋە بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىدىن سىتىۋېن ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇقامنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۈگۈن مۇشۇ پۇرسەتتە تونۇشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مۇقامنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۈگۈن ئاخشام مۇقامنىڭ شاھانە ئىكەنلىكىگە شاھىت بولدۇم، ناخشا ۋە ئۇسۇللارمۇ ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىكەن».

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ياشاۋاتقان سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنى قۇرغاندىن بۇيان ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئويۇن قويۇپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرماقتىكەن.