مۇھاجىرەتتە چاقنىغان مەرىپەت باغچىسى-جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى

0:00 / 0:00

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە بۇندىن 31 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى ئانا تىل مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ.

مەكتەپ مۇدىرى يۇلتۇز تېيىپجان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپ 1992-يىلى 4-ئايدا ئادېلايد شەھىرىدە ئەخمەت ئىگەمبەردى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋسترالىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئېتنىك ئاز سانلىقلار مەكتىپى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ نۆۋەتتە 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى، 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 4 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن دەرس ئالىدىكەن.

يۇلتۇز خانىم يەنە مەكتەپنىڭ 1992 يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئېتنىك مەكتەپلەرگە بېرىدىغان ھەر خىل ئىقتىسادىي ياردەملىرىگە ئېرىشىش بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتنىك مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ بويىچە قەرەللىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلار كۇرسلىرىدا تەربىيەلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزگەن روزا ھېيت ۋە «ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-ئىيۇن، ئادېلايد ئاۋسترالىيە.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزگەن روزا ھېيت ۋە «ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-ئىيۇن، ئادېلايد ئاۋسترالىيە. (RFA/Uchqun)

بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئېتنىك مەكتەپلەر، يەنى مىللىي مەكتەپلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى كۈنلۈك كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلاردىن گۈلنۇر تۇرسۇن خانىم ۋە مەكتەپنىڭ كاتىپى كىلارە زۇلپەر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

گۈلنۇر تۇرسۇن خانىم كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلىملىرىنى زامانىۋى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆگىتىش ۋە ئاۋسترالىيە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن پەخىرلىنىدىغان پىسخىك تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە لېكسىيەلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆزئارا ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كلارە زۇلپەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەكتەپنىڭ كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆچمەنلەر دۆلىتى بولغان ئاۋسترالىيەدە ئېتنىك مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسىدا ئىگىلەشكە تېگىشلىك تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولغان ئىكەن.

يۇلتۇز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ قۇرۇلغان 31 يىلدىن بۇيان، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەرەللىك ھالدا بۇ تۈردىكى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا تەربىيەلىنىشى نەتىجىسىدە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى بارغانچە كۆتۈرۈلگەن. ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى بارغانچە ئاشقان. ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدا ئۆز كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغان تۇيغۇنىڭ كۈچىيىشىدە بۇ ئانا تىل مەكتىپى ھەقىقىي مەرىپەت باغچىسىغا ئايلانغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.