ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

12-دېكابىر، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەنىي ۋوڭ، پارلامېنت ئەزاسى تونىي زاپپىيا، «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرى ۋە ئادېلايدتا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىدا «ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەننىي ۋوڭ ۋە باشقا بىر نەچچە پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇراسىمدا پارلامېنت ئەزاسى تونىي زاپپىيا «ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئېچىلىش سۆزىنى سۆزلىگەن.

پارلامېنت ئەزاسى توني زاپپىيا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-دېكابىر، ئادېلايد
پارلامېنت ئەزاسى توني زاپپىيا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-دېكابىر، ئادېلايد (RFA/Hebibulla Izchi)

«ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قورۇلۇشى ئۈچۈن يىللاردىن بېرى تىنىمسىز كۈچ چىقىرىپ، بۇ ھەقتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېۋ خانىم مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ھەققىدە توختالدى.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان بۇ «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ دەسلەپكى پىلانى، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا كانادادىكىگە ئوخشاش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن بەزى قارالارنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي مەمۇرلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش، ئاۋسترالىيە-خىتاي سودا كېلىشىملىرى ۋە بۇ كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى، مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەت بولغانلىرىنى جازالاش قارارلىرىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار ئىكەن. مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قورۇلۇشىغا قاتناشقان ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى دىلزات دېميان ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، پارلامېنت ئەزاسى توننىي زاپپىيا يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ، بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيە پارلامېنتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «مەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ باقمىدىم، ئەمما مېنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلەشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا ھېچقانداق ئاساسىم يوق، مەن كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئىنتايىن ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن جىق ئۇيغۇر ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان، بۇ يەنە جازا لاگېرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاشقا ئۇچرايدۇ. تېشىدىكى ئۇيغۇر خەلقى بولسا ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس مول تارىخىي، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمنى ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. شۇنداقلا خەلقئارانىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ۋە ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم قىزلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.2024-يىلى 12-دېكابىر، ئاۋسترالىيە
ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ۋە ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم قىزلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.2024-يىلى 12-دېكابىر، ئاۋسترالىيە (RFA/Hebibulla Izchi)

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، مىللەتپەرۋەر زات ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ھارماي-تالماي لوبىچىلىق قىلىشى، سىياسەتچىلەر بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈشىدەك جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ بىر نەپەر ئەزاسى مۇنداق دېدى: «بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىز نۇرغۇن جاپالىق يوللارنى مېڭىپ ئاخىرى بۇنى روياپقا چىقاردۇق، بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم قىلىدىغان ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بىر تۈركۈم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بولغانلىقى بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. بۇ قېتىم جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا كىچىكلا بىر يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئالدىمىزدىكى يىلى ئىككىنچى ئايدا پايتەخت كانبېررادا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇنداقلا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى قوللاش ۋە ئاۋازلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم قىزلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى رامىلە چانشېۋ خانىم خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشتا سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى، ئاۋسترالىيە
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ خانىم قىزلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى رامىلە چانشېۋ خانىم خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشتا سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى، ئاۋسترالىيە (RFA/Hebibulla Izchi)

ئاۋسترالىيەدە تەخمىنەن 5000 مىڭدىن جىق ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئادېلايدتا 1200 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر بار ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپى 1980-2000-يىللار ئارىسىدا كېلىپ، بۇ يەردە كۆپەيگەن. ئۇلار ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىپ، مەكتەپلەر ئاچماقتا، دىنىي ۋە مىللىي خاسلىققا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا ئائىت تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.