ئالىم ئوسمان: ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى تەلەپلىرىمىزىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم ئوسمان ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئىجابىي جاۋابلارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە مېلبورۇندىكى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى پېتەر كاھىل (Peter Kahil) ۋە ئۆكتىچى پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاتتەرسون (James Patterson) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ 3 تۈرلۈك تەلەپنى سۇنغانىدى.

ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئۆكتىچى پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاتتەرسون (James Patterson) (سولدىن 3-كىشى) بىلەن كۆرۈشتى. ئاۋسترالىيە، مېلبورن، 2023-يىلى، 3-ماي.
ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئۆكتىچى پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاتتەرسون (James Patterson) (سولدىن 3-كىشى) بىلەن كۆرۈشتى. ئاۋسترالىيە، مېلبورن، 2023-يىلى، 3-ماي. (RFA/Erkin Tarim)

ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم ئوسمان ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرگە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالىم ئوسمان ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆرۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرى بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى. بىرىنچىسى ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشى جەھەتتە، ئاۋسترالىيەدە ھازىر بار بولغان قۇل ئەمگىكى قانۇنىغا قايتا قاراپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ ھەقتە يېڭى بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ دوكلاتقا ئاساسەن ئۇيغۇر قۇل ئەمگەك ماللىرىنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىلغان ماللارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بىر قانۇننىڭ ماقۇللىنىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىنچى تەلىپىمىزگە بولسا، ئاۋسترالىيەنىڭ ھازىرقى ماگىنىتىسكىي قانۇنى ئارقىلىق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش جەھەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ ھازىرقى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان ئېلىپ كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ماگىنىتىسكىي قانۇننى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى».

ئالىم ئوسمان ئەپەندى پارلامېنت ئەزالىرىغا دېگەن ئۈچىنچى تەلەپكە بېرىلگەن جاۋاب توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈچىنچى تەلىپىمىزگە بولسا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش جەھەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق يول بىلەن قاراپ چىقىش، بۇنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە قانۇنىي جەريان بولغاچقا ھازىرغا قەدەر كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئويلاشمىغانلىقىنى بايان قىلدى» .

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ماي كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كامبېرا، مېلبورۇن، سىدنېي ۋە ئادېلايد قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن كەڭ-كۆلەمدە ئۇچرىشىش ۋە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ھەم كونسۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا قانداق تەسىرى بولار؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئۆزقان ئۆزدىن ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاساسى سېلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بارلىق كۈچى بىلەن ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ دەۋاغا ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ، لېكىن تېخى قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ ئىش بار».

بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشقان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن خانىم 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2 ھەپتىلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇش جەھەتتىن بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇلاردىن سىرت روشەن ئابباس خانىم بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت، مېلبورندىمۇ «ھەدەمنى ئىزدەيمەن ناملىق» ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ بۇ قېتىم ئاۋسترالىيەدىكى بۇ پائالىيەتلەردە بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.