روشەن ئابباس: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.05.03
roshen-abbas-awstraliye-1.jpg

ئاۋسترالىيە ئادېلايدتىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى تۈركىيەنىڭ سىدنېيدىكى كونسۇلى ئالىي سېۋىم ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 28-ئاپرېل، ئاۋسترالىيە. RFA/Erkin Tarim

roshen-abbas-awstraliye-2.jpg

ئاۋسترالىيە ئادېلايدتىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى كامبېرادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى لىبېرال پارتىيەسىنىڭ رەئىسى داۋىد سپەئىرس (David Speirs) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 27-ئاپرېل، ئاۋسترالىيە. RFA/Erkin Tarim

roshen-abbas-awstraliye-3.jpg

ئاۋسترالىيە ئادېلايدتىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى كامبېرادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنت ئەزاسى جىڭ لى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 27-ئاپرېل، ئاۋسترالىيە. RFA/Erkin Tarim

roshen-abbas-awstraliye-4.jpg

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەيئىتى بارغانلا شەھەرلەردە «ھەدەمنى ئىزدەيمەن ناملىق» ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2023-يىل ئاپرېل، ئاۋسترالىيە. RFA/Erkin Tarim

roshen-abbas-awstraliye-5.jpg

روشەن ئابباس خانىم بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئىككى كۈنلۈك «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئاچقان. 2023-يىل ئاپرېل، ئاۋسترالىيە. RFA/Erkin Tarim

roshen-abbas-awstraliye-6.jpg

روشەن ئابباس خانىم بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئىككى كۈنلۈك «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئاچقان. 2023-يىل ئاپرېل، ئاۋسترالىيە. RFA/Erkin Tarim

ئاۋسترالىيە ئادېلايدتىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ماي كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كامبېرا، مېلبورۇن سىدنېي ۋە ئادېلايد قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن كەڭ-كۆلەمدە ئۇچرىشىش ۋە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ھەم كونسۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.  مەزكۇر ھەيئەت 4-ئاينىڭ 27-كۈنى كامبېرادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى لىبېرال پارتىيەسىنىڭ رەئىسى داۋىد سپەئىرس  (David Speirs)، پارلامېنت ئەزاسى جىڭ لى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ 4 بەتلىك تەلەپ خېتىنى سۇنغان.

روشەن ئابباس خانىم بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز بولسا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىش ئىدى. بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردۇق».

روشەن ئابباس خانىم بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت، 29-ئاپرېل كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان. كۇرسقا ئادېلايدتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرى ئىشتىراك قىلغان. كۇرستا فىرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان، ئۆركەش دۆلەت، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خادىملىرىدىن سابرىنا سوھائىل خانىم قاتارلىقلار لېكسىيە بەرگەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئارسلان ھىدايەت ئەپەندى بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

 روشەن ئابباس خانىم، سىدنېيدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مۇھەممەد ئوبۇل ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت چەلەپچى ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 28-ئاپرېلدا تۈركىيەنىڭ سىدنېيدىكى كونسۇلى ئالىي سېۋىم ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدىن كۈتكەن بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇ پائالىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. بۇندىن كېيىن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

 بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەيئىتى بارغانلا شەھەرلەردە «ھەدەمنى ئىزدەيمەن ناملىق» ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرگىمۇ قىزىقىش يۇقىرى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.