ئاۋسترالىيەدىكى ئىككىنچى نەسىل ئۇيغۇرلار، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇقىنى ھېكايە قىلماقتا

0:00 / 0:00

2023-يىلى 11-مارت كۈنى كەچ، ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىنىڭ ۋىكتورىيە كوچىسىغا جايلاشقان مەكتەپ ئۆيى ستۇدىيەسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلار، «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» تېمىسدا ئاچقان ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، رىۋايەتكە ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن سەنئەتلىك ئۇسۇلۇپتا تەنتەنە قىلدى.

ئىشتراكچىلارغا بۇ كۆرگەزمىنى نۇرىيە قاسىم مۇنداق بايانلار بىلەن تونۇشتۇرغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسى ھەمىشە خىتاي ھۆكۈمىتى، غەرب مۇخبىرلىرى، سىياسىيونلار ۋە خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ئاۋازلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ‹قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايىمىز›، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق ۋە قەيسەرلىك باياناتى. بۇ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ مول مەدەنىيىتى ۋە 8000 يىللىق تارىخىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى، شۇنداقلا دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا دىققەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئادالەت ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللاش چاقىرىقى».

2023-يىلى 11-مارت كۈنى كەچ، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلار، «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» تېمىسىدا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ئاچقان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاساسلىق ياش ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن نۇرىيە قاسىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆرگەزمە فوتوگراف سام بىدېل قوللىغان تۈر بولۇپ، مېلبورن، ئادالايد ۋە سىدنېيدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مەيدانغا كەلگەن.

فوتوگراف Sam Biddle سام بىدېلنىڭ تارتقان ئۇيغۇرلاردىن يەتتە شەخسنىڭ بىر گۇرۇپپا فوتو-سۈرەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ لايىھەدە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ كۆپ خىل تالانتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. فوتو سۈرەتتىكىلەرنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىلىرىگىچە سۈرەت ئاستىغا كىرىشتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلارغا ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىنغان ئىكەن.

2023-يىلى 11-مارت كۈنى كەچ، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلار، «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» تېمىسىدا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ئاچقان.

كۆرگەزمىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر رەسساملىرى ۋە سەنئەتكارلار ئىجاد قىلغان مول سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، فىرانسىيەدىكى مۇقەددەس مىجىت، ئاۋىسترالىيەلىك فەزىلەت، ياپونىيەدىكى لۇتپۇللا، ئەنگلىيەدىكى كامىلە دىلشات ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ فوتو-سۈرەت ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى نامايەندە قىلىنغان. بۇ كۆرگەزمە دىققەتنى ئۇيغۇر كىملىكىگە قارىتىش ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۇنيا ئەھلىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار سۈپىتىدە قېلىپلىشىپ قېلىۋاتقان كۆز قاراشلارغا نىسبەتەن يېڭى تونۇش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

نۇرىيە پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن، شۇنچە كۈپ ئىنسانلارنى جەلپ قىلغانلىقىدىن تولىمۇ ھاياجانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بو ۋاقىتتا بۇنىڭغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشنىڭ يولى يەنىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈپ ئادەت، تىل ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ساقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى چۈشۈرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2023-يىلى 11-مارت كۈنى كەچ، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلار، «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» تېمىسىدا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ئاچقان.

بۇ ئۇنىۋېرسال پائالىيەتكە سىدنېيدىن ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇقامى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان.

كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى ئىنتىزار ئىلھام ۋە سىڭلىسى تۇرسۇنئاي جۇلالىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىلەن پائالىيەتنى يەنىمۇ بىر بالداق قىرغىن كەيپىياتقا كۆتۈرگەن.

مۇقام ۋارىسى، مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇن ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى مۇزىكىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۈپ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر مۇقام ۋە مۇزىكا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزگەن ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ بۇ پائالىيەتتىن باشقىچە بىر ئىلھام ئالغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ كۆرگەزمىدىن مۇھاجىرەتتىكى يېڭى نەسىللەردىكى ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئىشتىياقى، ئۇيغۇر روھىنى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2023-يىلى 11-مارت كۈنى كەچ، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلار، «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» تېمىسىدا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ئاچقان.

ئەمدى فوتوگراف Sam Biddle نىڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» كۆرگەزمىسىدىكى تامغا ئېسىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يەككە ھېكايىلىرىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرايلى.

ئۇيغۇر قىزى سابىرەنىڭ سۈرىتى ئاستىغا ئۇنىڭ مۇنداق بايانلىرى يېزىلغان.

«ئۇيغۇرلاردا ‹مېھماندوست› دېگەن سۆز بار، ئۇيغۇر خەلقى كاتتا ساھىبخانا، ناتونۇش كىشىلەرگىمۇ خۇددى يېقىن دوستلىرىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. كىشىلەرگىلا ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەت دۇنياسىغىمۇ شۇنداق. مەن بۇ سۆزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ».

فەزىلەت: نىڭ سۈرىتى ئاستىغا مۇنداق يېزلغان:

«زالىملارنىڭ زۇلۇمى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلۇش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نومۇس، ئەمما دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ھەر خىل شەكىلدىكى قارشىلىقىمىز ئارقىلىق زالىملارغا قارشى تۇرىدۇ».

مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇننىڭ سۈرىتى ئاستىغا ئۇنىڭ مۇنداق مۇراجىئىتى بېرىلگەن:

«ئۇيغۇر مۇزىكىسىى مۇقامدىن باشلىنىدۇ. بۇ خىل مۇزىكا شەكلى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىدىن كەلگەن، ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بىزنى تارىخىمىزغا باغلايدۇ. مۇقام بىزنىڭ كىملىكىمىز، ئۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ روھى. مۇقام ئۇيغۇر بىلەن ئوخشاش، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە، پۈتكۈل دۇنياغا مەنسۇپ».

2023-يىلى 11-مارت كۈنى كەچ، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلار، «قايتۇرۇۋېلىنغان ھېكايە» تېمىسىدا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ئاچقان.

ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى يۇلتۇز تېيىپجاننىڭ سۈرىتى ئاستىغا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان:

«ئۇيغۇر تىلى شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق چەكلەنگەن، شۇڭا يۇلتۇز ئاۋسترالىيەدىكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلىنى چىڭ تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارايدۇ».

خېلىل ئۇستامنىڭ سۈرىتى ئاستىدا مۇنداق ئىپتىخارلىق بايانلار بار:

«مەن ئوتتۇز يىل ئاشپەز بولدۇم، ئەمما ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى بار. بۈگۈن بىز تەييارلىغان ھەر قاچا تائام ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن. ئائىلىدە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت مۇھىتىمىزدىن ھوزۇرلىنالمايدىغانلىقى مېنى ئازابلايدۇ».

ئادىلەنىڭ تويىدا تارتىلغان سۈرىتى ئاستىدا ئۇنىڭ مۇنۇ سەمىمىي بايانلىرى بار:

«باشقا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بىلەن توي قىلىشىدىن ئۈمىد بار. مەن ئۇيغۇر دېگەننىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن كىشى بىلەن توي قىلدىم».

مودا كىيىم لايىھىلىگۈچىسى دىنارە سۈرىتى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇيغۇر بولۇش پاجىئە ئەمەس، بىز تارىخ ئەمەس. بىز ئازابىنى كۆردۇق، ئەمما بۇ ئازابنى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز».

بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر قاتارىدىكى نەسرۇللانىڭ سۈرىتى كىشىلەرگە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. كىملىكىمنى سۆيۈمەن. ھازىر، ۋەتىنىمدە كىشىلەر مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئەركىن بولغانلارنىڭ مۈرىسىدە ئۇنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار».

بۇ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە مۇھىم تۈر ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋىكتورىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى نادىرە يۇسۈفنىڭ سۈرىتىمۇ قويۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ مۇنداق بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن: «نۇرغۇن ئاۋستىرالىيەلىكلەر پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە نېمە قىلغانلىقىنى بىلىدۇ، مەن دۇنياغا ھەقىقىي كىملىكىمىزنى كۆرسەتمەكچى».

مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىشتىراكچىلارغا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان سىستېمىلىق دۆلەت زوراۋانلىقى، مەدەنىيەت يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ۋە باستۇرۇپ جەريانلىرىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتقان ھەمدە، خىتاي گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقتىن يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلى ھەمدە ھايات قېلىش ھېكايىسىنى سەنئەتلىك شەكىلدە نامايەندە قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەتچىلەردىن ئىنتىزار ئىلھام، ئۆزى ئۈچۈن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى:

«بىز مېلبورىندا تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردۇق، مەنمۇ بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى تەقدىم ئەتتىم. پائالىيىتىمىز ئىنتايىن نەتىجىلىك بولدى بىز پائالىيىتىمىزدە يەنە ئۇيغۇر تائاملىرىنىمۇ تارتتۇق، ھەممە ياقتۇردى. نۇرغۇن باشقا مىللەتتىن بولغان دوستلار بىز بىلەن بىللە ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشتى. مەن گەرچە ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولساممۇ، ئۇيغۇرلۇقۇمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىمەن. ئەجدادلىرىمىز ئۇنى ساقلاش قېلىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەر تۆلىگەن. ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنى چىڭ ساقلاش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم دەپ ئويلايمەن».

شەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 دىن 9 غىچە 3 سائەت داۋام قىلغان كۆرگەزمە ئاخىرىدا، ئۇيغۇر جامائىتى ۋە سەنئەتكارلار، تاماشىبىنلارغا بۇ كۆرگەزمە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەدەنىيەتنى يوقىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تىلەكلىرىنى بايان قىلىشقان.