ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شتاتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «بىر يول-بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى كېلىشىمى» بىكار قىلىنغان.
«ئاسمان خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېڭى ماقۇللانغان «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ 24-ئاپرېل كەچتە ئەمەلدىن قالدۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كېلىشىم فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىت، دەپ قارالغاندىن كېيىن بىكار قىلىشنى تاللىغان تۆت كېلىشىمنىڭ بىرى ئىكەن.
2020-يىلى دېكابىر ئاۋسترالىيە پارلامېنتى «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى» ماقۇللىغان بولۇپ، قانۇندا ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئاۋسترالىيەنىڭ شتاتلىق ھۆكۈمەتلىرى باشقا ئەللەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى.
«ئاسمان خەۋەرلەر تورى» نىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل شوبرىج: «خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە قارشى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشىمىز ۋە خىتاي بىلەن بولغان چوڭقۇر ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى غايەت زور خەتەرنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك،» دېگەن.
ئۇ يەنە، 2020-يىلى خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يىمىرىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
كېلىشىم 2018-يىلى ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ رەئىسى دانىيېل ئاندرېۋس بىلەن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چې جىڭيې ئارىسىدا ئىمزالانغان ئىدى.