خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە قارشى دىپلوماتىك ھۇجۇمنى كۈچەيتىشىدىكى بىرقانچە سەۋەبلەر

0:00 / 0:00

خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سۈركۈلۈشى ئىقتىسادىي ساھەدىن ھالقىپ، دىپلوماتىك جەڭ مەيدانىغا سۈرۈلمەكتە.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركۈلۈش ئەۋجىگە چىقىپ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بىر ئۆسەك سۆزى ۋە ساختا سۈرىتى سەۋەب بولغان.

27-نويابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تىۋىتتېردىكى خۇسۇسىي ھېسابىدا «مەن ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان پۇقرالىرى ۋە مەھبۇسلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. بىز بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز،» دەپ يازغان. ئۇنىڭ بۇ يازمىسى دەسلەپتە ئانچە بەك دىققەت قوزغىمىغان. بىراق جاۋ لىجيەن 30-نويابىر كۈنى يۇقىرىقى ئابزاسنى قايتا ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئاستىغا بىر سۈرەتنى قوشۇپ چاپلىغان. سۈرەتتە ئاۋسترالىيە بايرىقى ئۈستىدە بىر ئاۋسترالىيە ئەسكىرىنىڭ بىر دانە قوزىنى قۇچاغلاپ تۇرغان كىچىك ئافغان بالىنىڭ گېلىغا پىچاق سۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

BBC نىڭ 30-نويابىر ئېلان قىلغان «ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتايدىن يالغان سۈرەت ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەب قىلدى، خۇا چۈنيىڭ ‹گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈردى› دەپ جاۋاب بەردى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسون 30-نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلىپ «بېيجىڭ بۇ يىرگىنچلىك سۈرەتنى تارقىتىشتىن قاتتىق نومۇس قىلىشى لازىم ئىدى» دېگەن. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈنى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندا گۇناھسىز ئىنسانلارنى ئۆلتۈردى،» دېگەن.

ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا «گۇناھسىز ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەنلىك» مەسىلىسى نەدىن پەيدا بولدى؟

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 30-نويابىر ئېلان قىلغان «جاۋ لىجيەننىڭ تىۋىتتېردىكى يازمىسى يۇقىرى دولقۇن پەيدا قىلدى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى: ‹خىتاي نومۇس قىلىشى لازىم› دېدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئالاھىدە ئەسكەرىي قىسىملىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 13 نەپەر ئاۋسترالىيە ئەسكىرىنىڭ 39 نەپەر ئافغان پۇقراسى ۋە مەھبۇسلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىك دېلوسىنى ئېنىقلاپ، 27-نويابىر بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا خاتالاشقانلىقى، نۆۋەتتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ چارە كۆرۈشكە يوللانغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي دىپلوماتلىرى مانا بۇ دوكلاتنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈشنى باشلىغان. بۇنىڭغا يالغان سۈرەتنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ ئۇياتسىزلارچە بايانلىرىدىن قاتتىق نارازى بولغان. ئۇلار «ئۇنداقتا، خىتايچۇ؟ خىتاي ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىگۇناھ پۇقرالىرىنى ئۆلتۈردى؟ ھازىر جازا لاگېرلىرىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ؟ بۇلارنى نېمىشقا تىلغا ئالمايدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇشقان. گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىممۇ ئوخشاش سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان سۈركىلىشلىرى سەۋەبلىك ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپلا ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاشلىق، كالا گۆشى ۋە ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە قويۇشقا باشلىغان ھەمدە باجنى ئۆستۈرۈپ 212 پىرسەنتكە چىقارغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى «بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا كېلىشىمىگە خىلاپ» دېگەن.

ئۇنداقتا، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر زادى قانداق كېلىپ چىقتى؟

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سۈركىلىشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى دىپلوماتىك توقۇنۇش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغان تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا:

بىرىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 2019-يىلىلا كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى خىتاي، ۋىرۇس پەيدا بولغان ۋۇخەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەشەببۇس خىتاينىڭ قاتتىق جېنىغا تەككەن.

ئىككىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا قارشى تۇرغان، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن ئاۋسترالىيەنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشىگە يول قويمىغان.

ئۈچىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھەمدە خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرىگە «زىيادە ئارىلىشىپ»، خەلقئارادا خىتايغا نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

تۆتىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىغا توسالغۇ بولغان. بۇ پىلانغا قوشۇلمىغان، ئۇنىڭغا قارىتا شۈبھىلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە قارشى چىققان.

بەشىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى رەت قىلىپ، G5 تور ئېقىمىنىڭ ئاۋسترالىيەدىن يەر ئېلىشىغا يول قويمىغان.

ئالتىنچىسى، ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى زور دەرىجىدە سۇندۇرغان.

يەتتىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھەربىي ساھەدە ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم مانېۋىرغا قاتناشقان ھەمدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتايغا قارشى «ئاسىيا ناتوسى» قۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بىرى بولغان.

مانا بۇلار خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئارىسىنى ئاچقان ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىدىغان ئاساسىي ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.