ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.08
Awstraliye-sedniy-01

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، سىدنېي RFA/Erkin Tarim

Awstraliye-sedniy-02

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، سىدنېي RFA/Erkin Tarim

Awstraliye-sedniy-03

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، سىدنېي RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-osaka-01

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، ئوساكا RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-shibuya-01

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، توكيو RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-shibuya-02

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، توكيو RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-shibuya-03

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، توكيو RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-tokyo-01

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، توكيو RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-tokyo-02

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، توكيو RFA/Erkin Tarim

Yaponiye-tokyo-03

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، توكيو RFA/Erkin Tarim

5-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 6-ئىيۇل كۈنى توكيو شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونى بولغان شىبۇيا رايونىدا، 7-ئىيۇل كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ۋە ۋاراقچە تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتلەرگە توكيودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىكلەر ئىشتىراك قىلغان. ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى پائالىيەتكە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قاتناشقان.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يۈرۈش پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق. 4-ئىيۇل مەتبۇئات يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق، 5-ئىيۇل كۈنى بىز خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدۇق. شۇ كۈنى يەنە ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئوساكا شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونىدا خىتايغا نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتلەردە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەييارلىغان تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش ۋە قىسقا نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىدۇق. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى توكيونىڭ ناھايىتى قايناق، ئاۋات ئادەم كۆپ شىبۇيا رايونىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئورۇنلاشتۇردۇق. »

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەرگە ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭمۇ كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق نامايىشىمىز توغرىلىق ياپونىيەنىڭ چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ مەخسۇس زىيارەت ئارقىلىق خەۋەر بەردى. مەسىلەن، ‹سانكېي خەۋىرى›، NHK ۋە ‹كىيوتو خەۋىرى› قاتارلىق مەتبۇئاتلار كېلىپ زىيارەت قىلدى. بەزى مەتبۇئاتلار شۇ كۈنىلا بۇ توغرىلىق خەۋەر ئىشلەپ تارقاتتى. »

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى نارازىلىق نامايىشىدا توۋلانغان شوئارلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نامايىشتا ھەممىمىز بىردەك ‹خىتاي ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىقىنى توختات›، ‹ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈڭگە ئال›، ‹زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم تۆلە!› دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى. ئۇنىڭدىن سىرت تەشكىلاتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان نارازىلىق خېتىنى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساندۇقىغا تاشلىدۇق. توكيونىڭ شىبۇيا رايونىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشقىمۇ يۈزدەك كىشى قاتناشتى، بۇ رايوندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانا بىناسى بار، بۇ جاي ساياھەتچىلەر بىلەن ياشلار كۆپ كېلىدىغان ئاۋات بىر يەر. بۇ يەردە بىز كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش قىلدۇق. بىز ‹خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، خىتاي يوقالسۇن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختات، بىز ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز!› دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدۇق. پائالىيىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»

 «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىمۇ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى گۈلمىرە زۇنۇن خانىم پائالىيەتنىڭ ناھايىتى جانلىق ئۆتكەنلىكىنى، نامايىش سىدنېينىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەچكە كۆپ كىشىنىڭ دىققىنى تارتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «7-ئاينىڭ 7-كۈنى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھەر مەركىزىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش جەريانىدا بىز ‹خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات› دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ جانلىق پائالىيەت ئېلىپ باردۇق. نامايىشىمىزنىڭ سىدنېي شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. »

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدە كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

4-ئىيۇل كەچقۇرۇن توكيودا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا؛ ياپونىيەلىك تونۇلغان يازغۇچى، سېيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىككى توملۇق «ھازىرقى زامان ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتى تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى نايتو يوسۇكې ئەپەندى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.