ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019.09.20
Awastirlaiye-Uyghurliri-Parlamentta-20190918.jpeg ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان مۇھىم ئۇچرىشىشلاردىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 18-سېنتەبىر. كانبېررا، ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررادا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇچرىشىشقا ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرمۇ بىرلىكتە قاتناشقان.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بەختىيار ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «18-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدۇق. بىز بۇ جەرياندا ئاۋسترالىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال پارتىيە ۋە ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، بىر قىسىم مىنىستىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەردۇق.»

بەختىيار ئەپەندى يەنە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سورۇنلىرىدىمۇ ياڭرىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە تەكىتلەنگەنلىكى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز كۆرۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرى بىزگە ئاۋازىمىزنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى مۇھىم سورۇنلاردىمۇ ياڭرىتىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.»

سىدنېيدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن زۇلپىيە خانىم بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىز ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى كىرىست خېيس ئەپەندىنىڭ سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلىكتە سىستېمىلىق، پىلانلىق، تەرتىپلىك ھالدا تەشكىللىنىشىدىن بولدى دەپ قارايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىمىزنى قانداق چىقىرىش، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى قانداق تىكلەش مەسىلىسىدە ئورتاق بىر نۇقتىدىن ھەرىكەت قىلدۇق دەپ قارايمەن.»
زۇلپىيە خانىم يەنە ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىن باشقا بىزنى ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىلىرى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ بىزگە ھەرۋاقىت ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ھەرۋاقىت قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مېنىڭچە، بۇ ئۇچرىشىشنىڭمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت ئەپەندى كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشمىز ناھايىتى غەلىبىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتتى. بىز بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بولغان تەسىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىكى بىر قىسىم ئاۋسترالىيەنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى ئالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاۋسترالىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

نۇرمەمەت ئەپەندى يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئورتاق ئۇچۇرىمىز شۇ بولدىكى، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاللىقاچان ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەلىشىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاكتىپ قوغدىغۇچىسى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئاساستا پىكرىمىزنى سۇندۇق.»

نۇرمەمەت ئەپەندى يەنە يېقىندىلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» دىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى› بىزنىڭ بۇ قېتىمقى كانبېررا زىيارىتىمىزدىكى مۇھىم قورال بولدى دەپ قارايمەن. بىز ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەۋسىيە قىلدۇق.»

ئاخىرىدا ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىز بۈگۈنكىدەك مۇسىبەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز خەلقىمىزگە بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىتتىپاقلاشقاندىلا تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى بىرلىكتە قىلدۇق.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.