ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.02.26
ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋىكتورىيە مەيداندىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىغا قەدەر ئېلىپ بارغان ئاممىۋى يۈرۈش ۋە نامايىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 26-فېۋرال.
RFA/Arslan

2-ئاينىڭ 26-كۈنى جۈمە چۈشتىن بۇرۇن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋىكتورىيە مەيداندىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىغا قەدەر ئاممىۋىي يۈرۈش ۋە نامايىش پائالىيتى ئېلىپ بارغان.

بۇ نامايىش ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا ئادېلايد شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە خىتاي زۇلۇمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ: «خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئاۋستىرالىيە ئويغان» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلاپ يۈرۈش قىلغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋىكتورىيە مەيداندىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىغا قەدەر ئېلىپ بارغان ئاممىۋى يۈرۈش ۋە نامايىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 26-فېۋرال.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاشھاجىم يارى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تاشھاجى يارى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئوخشاش قارار ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە نامايىشتا سۆز قىلغان ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى نامايىشچىلارنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى يەنە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2021-يىلىدا ئۇغۇرلار توغرىلىق قوبۇل قىلغان كەسكىن قارارىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە باش مىنىستېرى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى چاقىرىپ، مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.