خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ تاسمانىيە شىتاتىدا 14-فېۋرالدىن 29-فېۋرالىغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسدا ئىككى ھەپتىلىك لېكىسىيە بېرىش، فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ پائالىيەتلەرگە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مېجىت تۈركىستانى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكىلات بەرگەن.
نۇرمۇھەممەد مېجىت تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تاسمانىيە شىتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا جەمئىي 5 قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن، يۈزلىگەن خەلق ئاممىسىغا ئۇيغۇر مەسىلىسنى ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە ئۈچ قېتىم رادىيو زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن.
نۇرمۇھەممەد ئەپەندى يەنە تاسمانىيە شىتاتىدىكى شىتاتلىق پارلامېنت ئەزالىرى، فېدېرال پارلامېنت ئەزالىرى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى روزالىنا ۋۇدفورد خانىم، تاسمانىيە شىتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى روبېرت ۋالىنتىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تاسمانىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى گرېگ لۇكمان قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى ۋە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە يەرلىشىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەم بىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
25-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تاسمانىيە ئۇنىۋېرىستېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
رودنىي دىللون تاسمانىيە شىتاتىدا ئامان قالغان بىر يەرلىك ئايالنىڭ پەينەۋرىسى بولۇپ ھازىر تاسمانىيەدىكى ئابورجىنلارنىڭ ۋەكىلى ئىكەن. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلىغان رودنىي ئۆز مىللىتىگە كەلگەن قاباھەتلىك رېياللىقنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۈستىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىش بىلەن خىتايلارنىڭ بارلىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى لەنەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاسمانىيە شىتاتىدىكى ئابورجىن ۋەكىلى رودنىي دىللون ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پىكىر بايان قىلىپ، ئۆتمۈشتە ئابورجىنلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تراگېدىيەلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياستىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋستىرالىيە شۆبىسىنىڭ خادىمى زەينەب كلارك خانىم مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نۇرمۇھەممەد مېجىت تۈركىستانىنىڭ تاسمانىيە سەپىرىدىن غورۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللتىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان مۇسىبەتلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدۇق. بۇ يەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارلىق پائالىيەتلەر بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى بەرمەكتە، پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ تەسىراتلىرىمۇ ئىنتايىن تەسىرلىك بولماقتا. ھەركىم يالغۇز دەرس ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى كەسكىن ئىرادىگە كەلمەكتە ۋە قولىدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلار ياردەم قوللىرىنى سۇنماقتا. نۇرمۇھەممەدنىڭ تۈركىيەدىكى مۇھتاج ئائىلىلەر ئۈچۈن تەشۋىق قىلىۋاتقان ياردەم تۈرىگە ئىئانە قىلىشماقتا.»
زەينەب كلارك خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشلار بەك ئېغىر ئىكەن، ئىلگىرى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋېتىپتۇ. خىتايلار يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق، قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، ئىنسان ئەزالىرىنى ئوغرىلاش، كىچىك بالىلارنى غايىپ قىلىۋېتىسۋھ، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىش دېگەندەك بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت. بۇنداق ۋەھشىيلىكلەر چوقۇم توختىتىلىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك تىجارەتتىن ئۈستىن ئورۇنغا قويۇلۇشى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»
نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاسمانىيە شىتاتىنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى لونساستىن شەھرىدە 27-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تاسمانىيە شىتاتىدا ئۇيۇشتۇرغان ئاخىرىقى قېتىملىق لېكسىيە بېرىش يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.
نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەرقايسى يىغىلىشلاردا فېدېرال پارلامېنتقا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشىلىتىپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا توپلىغان. ئۇ يەنە خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە يەرلەشكەن تۇل ئايال ۋە يېتىملەرگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىئانە توپلىغان. تاسمانىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى 5 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، نۇرمۇھەممەد 8-مارتتىن 15-مارتقىچە تۈركىيەگە بېرىپ، ئاۋسترالىيە خەلقئارا ياردەم جەمئىيىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ، «ئۇيغۇر يېتىملىرىگە ئىگە چىقىش» ئىش پىلانىنى بويىچە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئۇيغۇر يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغا ياردەم بېرىش ئىشىنى باشلايدىكەن.