ۋىكى شۈ: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشقا چاقىرىمەن!»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.04.21
ۋىكى شۈ: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشقا چاقىرىمەن!» 26 ياشلىق تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ۋىكى شۈ(Vicky Xu)(ئوتتۇرىدا) ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ «سوئال-جاۋاب» پروگراممىسىدا. 2021-يىلى ئاپرېل، ئاۋسترالىيە.
wikipedia.org

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇل ئىشچى قاتارىدا سېتىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىبلەشنى قوللىغانلىقى ئاشكارىلانغان مۇھىم دوكلاتلارنىڭ باش يازغۇچىسى بولغان 26 ياشلىق تەتقىقاتچى ژورنالىست ۋىكى شۈ (شۈ شۇيجۇڭ) خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئاز ساندىكى خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

2020-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان ۋە ۋىكى شۈ ئاساسلىق ئاپتورى بولغان «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان «ئۆزگەرتىپ ياساش» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاشكارىلاپ بېرىش بىلەن بىرگە خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر ئۇچىنىڭ خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارغا چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن كېرەكلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

ۋىكى شۈ سۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زەربە نىشانىغا ئايلانغان.

ئۇ ئاۋسترالىيە تېلىۋىزىيەسىنىڭ «سوئال-جاۋاب» پروگراممىسىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ۋە ماڭا ئوخشاش شىنجاڭنى تەتقىق قىلىۋاتقان سەپداشلىرىم خىتايدىكى ئاخباراتلاردا قاتتىق ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلدۇق. ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيە ئسىتراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ۋە ‹ۋاشىنگتون پوچتىسى› گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىدىكى كەسىپداشلار ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئىزدەندۇق. بىز نايكى شىركىتىنىڭ زاۋۇتلىرىغا بېرىپ مەجبۇرىي ئەمگەك ئېلىمېنتلىرىنى تاپتۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، 83 ماركىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىنى ئاشكارىلىدۇق. بىر يىلدىن كېيىن بۇ ھەقتە قانۇن لايىھەلىرى چىقىشقا ۋە شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىدى.»

ۋىكى شۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇندىن كېيىن خىتايدىكى تور بەتلەردە ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھەرخىل ھۇجۇملار قوزغىلىپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرىنچىسى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سىموۋلىغا ئايلانغان شىنجاڭ پاختىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تۈرلۈك نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى؛ ئىككىنچىسى بولسا مەن ۋە ماڭا ئوخشاش كىشىلەرنى قارىلاش ھەرىكىتى يۈرگۈزدى. ئۇلار ماڭا ھەرخىل ناملارنى چاپلىدى، مەن تېخى تۆنۈگۈن ئاخشام دوستۇم بىلەن خىتاي ئاشخانىسغا تاماق يېگىلى بارغىنىمدا، ماڭا تىكىلگەن كۆزلەردىن شۇنچىلىك راھەتسىز بولدۇم. بىلسىڭىز، بۇ ماڭا بەك قېيىن بولدى.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىكى شۈنىڭ دوكلاتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ خىتايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرالىغان ئاز ساندىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىكى شۈ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىلا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىسمى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، مىڭلىغان ھاقارەت ئىنكاسلىرى تاپشۇرۇۋالغان. خىتاي ئاخباراتلىرى ۋە تور قوللانغۇچىلىرى ئۇنى «يالماۋۇز»، «خائىن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. ھەتتا بىر قىسىم قالايمىقان رەسىملەرگە ئۇنىڭ باش سۆرىتى چاپلىنىپ تارقىتىلغان. بۇنداق ۋىدىيولار مىليونلارچە قېتىم كۆرۈلگەن ۋە ئۇنى مىڭلىغان كىشى ھاقارەتلەپ ئىنكاس قايتۇرغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي تور بەتلىرىدىكى شۇنداق ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە «ۋىكى شۈنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ مۇشۇنداق پەرزەنت يېتىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىتىش كېرەك» دىيىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىدە «بۇ خائىننى تېپىپ ئۆلتۈرۈش كېرەك» دېيىلگەن.

ھالبۇكى، ۋىكى شۈ ئۇچرىغان بۇ ھۇجۇم چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن كىشىلەر ۋىكى شۈگە مەدەت بەردى، ئۇنىڭ ھەققانىيەتنى تاللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئۇنى بۇ مەردانىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ «ۋىكى شۈنىڭ ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىشى ماختاشقا ئەرزىيدۇ،» دېدى.

ۋىكى شۈ ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ: «ئۆتكەن 8 ئاي بويىچە خىتايدىكى يېقىنلىرىم مېنىڭ سەۋەبىمدىن تۈرلۈك تەھدىتلەرگە، سوئال-سوراقلارغا، تۇتقۇنغا دۇچ كەلدى. مەن بۇ يەردە سۆزلەۋاتقان ھەقىقەتنىڭ بەدىلىنى ئۇلار تۆلەۋاتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، يەنىلا دادىللىق ىبلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشقا چاقىرغان. ئۇ «ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر كىرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى. ئەپسۇسكى، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى رەت قىلغان ئىككى دۆلەت. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭغا ئۇلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەسلىكى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ئەندىشەلەر سەۋەب بولغان،» دېگەن.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارى ۋە ئىككى ئورگىنىغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئۆزى بۇنىڭغا قاتناشمىغان.

نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى بېسىم كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، دۆلەت مەجلىس ئەزاسى پېننىي ۋوڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ: «موررىسون ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇيدىغان ياكى تونۇمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك،» دېگەن.

پېننىي ۋوڭ 19-ئاپرىل كۈنى ئاۋسترالىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە تاشقىي سىياسىتىدىكى ئورنى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن ۋە ئوچۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن بىۋاستە پايدا ئېلىۋاتقانلىقى بىلەن بىلىنىدىغان چەتئەل شىركەتلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا ئورۇنلارغا قاراتمىلق ھالدا جازا تەدبىرى قويۇلۇشى كېرەك،» دېگەن.

ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇلار مەسئۇلىيەتچان يەرشارىۋى كۈچ قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ۋە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رايونغا توسالغۇسىز بېرىپ زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن ھەمپىكىر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.