ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قاتار كەسكىن قارارلارنى ئالغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئۇنىڭغا چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىستېمال بازىرىدىكى كۆپلىگەن ساھەگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان بولغاچقا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل جىددىي ئىنكاسلارنىڭ بىرى 27-ئاپرېل كۈنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە ۋە سودا كومىتېتى ساھىبخانىلىقىدا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ سېناتورى، ئاۋسترالىيە خىزمەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ئېرىك ئابېتز ئەپەندى سۆز ئالدى. ئۇ يىغىن رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيە تاموژنىسىدىن ئۆتۈشىنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى بىر-بىرلەپ سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئالدى بىلەن ئامېرىكادىكى يېتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر ۋىديو ئارقىلىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز ئالدى.

ئۇ 2016-يىلىدىن باشلانغان سىىياسىي باستۇرۇش ئەھۋالىنىڭ زور كۆلەملىك لاگېرغا تەرەققىي قىلىشى، لاگېرلاردىكى «قايتا قۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى» نىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا لاگېرلاردىن «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان» تۇتقۇنلارنى ھەمدە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى مەجبۇرىي يوسۇندا ھەرقايسى زاۋۇتلارغا «خىزمەت» كە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى قاتارلىق جەرياننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش نەق مەيدان يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان يەنە بىر مۇھىم شاھىت ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىسىتىتۇتى 2020-يىلى ئېلان قىلغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن ۋىكىي شۈ ئىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نەچچە مىڭلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، بۇنىڭ دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى، بۇ زاۋۇتلاردىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھەربىيچە شەكىلدە باشقۇرۇلىدىغان مۇھىتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىشىشى، غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە مەپتۇن بولۇپ، بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولدمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق پاجىئەلەرگە مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما نۆۋەتتە بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇدۇللا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بىرەر چارىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، شۇنداقتىمۇ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ھەمدە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى نىشانلىق مەنئى قىلىشنىڭ خىتاينىڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولغان ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەردىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. .

ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن كېيىن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى. شاھىتلار ئۆزلىرى ئىگە بولغان ماددىي ئىسپاتلار ۋە ھۆججەتلەر ئاساسىدا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكى قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن يەنە داۋام قىلدى. بۇ بۆلەكتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن ئەھۋالى بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بەردى. بولۇپمۇ «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرى تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف خانىمنىڭ سۆزلىرى يىغىن ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى. ئۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ تەربىيەلىشى ياكى قىزىقتۇرۇشى بولمىغان ھالەتتە ھەممەيلەننىڭلا پائالىيەتچى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ نۆۋەتتە مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئېغىر ئازاب تارتىۋاتقان قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ پاجىئەسى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالمىغان بىرمۇ ئائىلە يوقلۇقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى، بۇنىڭ بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىغا، جۈملىدىن ئاۋسترالىيە بازىرىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئىسپاتلىرىنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر پاجىئەسى نۆۋەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنى كەسكىن ۋە ئەمىلى تەدبىرلەر ئارقىلىق چەكلەشنىڭ تەخىرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھلىدى. شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيەنىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەمدە بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلاتلارنى مەنئى قىلىشتەك پەۋقۇلئاددە رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. .

شۇ قاتاردا «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مىجىت، «ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئالىم ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر شاھىتلارمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياىسي كونتروللۇق، زور كۆلەملىك باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلىكىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىرلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر ساھە خادىملىرى، ئادۋوكاتلار بىردەك ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا ئۇ ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي ماللىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئېقىپ كىرىشى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنىدىكەن.