يېقىندىن بۇيان ئاۋستىرالىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتقان ئالماس ۋە سادام 24-ئىيۇل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋىستىرالىيە پارلامېنتىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋستىرالىيەدىكى مەسئۇلى كىلايىر ماللنسون خانىم 24-ئىيۇن ئاۋستىرالىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى چىملىقتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى شۇنداقلا ئالماس بىلەن سادام ئىككىيلەننىڭ ئائىلە پاجىئەسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
كلايىر خانىم مۇنداق دېگەن: «ھەممىڭلارنىڭ بىلگىنىدەك ھازىر شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇ يەردە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇلغان ۋە قامالغان. بۇ ئادەملەر ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېر» لىرىغا قامالغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى. مېنىڭچە، ئاز دېگەندىمۇ 10 نەپەر ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ ئائىلىلىرى جۇدالىقتا ياشىماقتا. سادام ۋە ئالماس باشقىلارنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغان، يۈرەكنى تىلغۇدەك كەچۈرمىشلەرنى ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار ئايالى ۋە بالىلىرىدىن جۇدا بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.»
كىلايىر خانىم يەنە ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىدىكى ئالماسنىڭ ئايالىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر ئالماسقا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى خالىساڭلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ بۇ توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئارقىدىن سادامنىڭ ئادۋوكاتى مايكىل بىرەدلىمۇ سۆز ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن سادام ۋە ئالماسقا ياردەم قىلىپ، پارلامېنتتىكى بەزى سىياسىيونلار بىلەن كۆرۈشمەكچىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر سىياسىي ياكى گىئو-سىياسىي مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاددىيلا بىر مەسىلە. سادام ئاۋستىرالىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى بىلەن ئايالى شىنجاڭدا قاپسىلىپ قالدى. بىز ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋستىرالىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز.»
ئادۋوكات مايكىلنىڭ ئارقىسىدىن ئاۋستىرالىيەدىكى داڭلىق پۇتبولچى كرېيگ فوستېر سۆز قىلىپ، ، مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن بۇ ئىككى يىگىت بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىنساننى لەختە-لەختە ھېكايىلىرى بار. ئاۋستىرالىيەلىكلەرنىڭ ئالماسقا ياردەم قىلىپ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشى 25000 كىشىدىن ئاشتى. سادامنىڭ ھېكايىسى ئۆتكەن ھەپتە ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا قويۇلغان ‹تۆت دوقمۇش› پروگراممىسىدا شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ھېكايىلىرى بار، مەن پۈتۈن ئاۋستىرالىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ ئىككى ياشنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كىيىن ئالماس ۋە سادام يۇقىرىقى ئۈچ كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا پارلامېنتتىكى بىر قىسىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئالماس نىزامىدىن بۇ ھەقتە 24-ئىيۇل ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېدى: «7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررادىكى پارلامېنت بىناسىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدۇق. بۇ ئۇچرىشىشنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىز پارلامېنتتىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم شەخسلەر بىلەن ئائىلىمىزنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.»
ئالماس نىزامىدىن يەنە مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشىمىز ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشتى. ئىشچىلار ۋە يېشىللار پارتىيەسى ۋەكىللىرى بىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»
سادام ئابدۇسالام پارلامېنتتىكى ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم گەرچە خىتايدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ بىر ئاۋستىرالىيە پۇقراسى. ئاۋستىرالىيەنىڭ قانۇنى بويىچە پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىنى جەم قىلىپ بېرىشى كېرەك، مەنمۇ ئۇلاردىن ئائىلەمنى ئەكېلىپ بېرىشنى سورىدىم.»
سادام يەنە پارلامېنتتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ۋە باشقا پارتىيەلەر بولسۇن، ھەممىسى بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»
ئالماس نىزامىدىننىڭ ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت 2017-يىلى مىسىردىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقىنىدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئالماسنىڭ ئاپىسى زۇلپىيە جالالىدىن 2018-يىلى يانۋاردىن ئېتىبارەن تۇتۇپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
سادام ئابدۇسالام بولسا 2016-يىلى ئۈرۈمچىدە توي قىلغان بولۇپ، 2017-يىلى تۇغۇلغان ئوغلى لۇتفى بىلەن ھازىرغا كەلگۈچە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىكەن.
0:00 / 0:00