5‏-فېۋىرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 24‏يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

5‏-فېۋىرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 24‏ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، خەلقئارا مۇساپىرلار ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىل، شەرقىي تۈركسىتان نۇزۇگۇم جەمئيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، ئونبەشىنچى نويابىر قىبرىس ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، 5 ‏-فېۋىرال غۇلجا ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 24 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 5-فېۋرال، ئىستانبۇل تۈركىيە.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە باستۇرۇلۇش جەرىيانلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە «تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مۇھىم مەركىزى بولغان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلۈم يۇرتىغا ئايلاندى،» دېدى.

نۇرىددىن ئىزباسار يەنە 5-ئىيۇل غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە تاەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتتى.

نۇرىددىن ئىزباسار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى پارلامېنت تەرىپىدىن تەستىقلىماسقىلىققا، كۈنتەرتكە كەلتۈرمەسلىككە ۋە تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىشكە چاقرىق قىلدى.

يىغىننىڭ داۋامىدا يەنە خەلقئارا مۇساپىرلار ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەمئيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ھەق-ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئىبراھىم ئەرگىل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار قەشقەرنى ‹كاشى› دېمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن‹تېرورچى› دەپ ئەيىبلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ، ئەمما خىتاي بۇلارنى ‹تېرورچى› دەپ قارايدۇ. خىتاي ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنى ئاسسىمىلاتىسىيە قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جەھەتتە جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئالالمايۋاتىمىز، ئەمما يېقىندىن بۇيان لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلاردىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇمات ئاڭلاۋاتىمىز. بىز ئۇ شاھىتلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئىشلىرىغا ياردەمچى بولۇۋاتىمىز. خىتاينىڭ جىناتچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنايەتلىرىگە ئالاقىدار دەلىل توپلاپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ زۇلۇمغا بىر كۈنى چوقۇم خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋام قىلىمىز.»

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ئاخىرىدا بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نوقتىلارنى يىغىنچاقلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەر ئېلىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى تەكىتلدى.