خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى تۈزۈمى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك يىللاردىن بۇيان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلار ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 8-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققانىدى.
18-چېسىلا ئەنقەرەگە يىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش يولىدا بىر قاتار پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
27-مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك بالىلىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئانىلار ئەنقەرە ئۇلۇس مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە كۆپ ساندا يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار قاتناشتى.
ئانىلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بالىلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، بالىلىرى بىلەن قايتىدىن جەم بولغۇچە ئادالەت تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئانىلاردىن سۇدۇننىسا ئابلىتىپ ۋە مەريەم خانىم خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
25-مارت كۈنى، بالىلىرى ھەققىدە خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. ئانىلار 25-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇشقا تېرىشقان بولسىمۇ ئەلچىخانا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك ئەلچىخانىغا يېقىنلىشىشى ئىمكانىيىتى بولمىغان.
27-مارت ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئانىلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگىچە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ۋە ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈشۈش ۋە دىئالوگ قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
مەريەم خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
ئانىلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بالىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنى ۋە تۈرك خەلقىنى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.
18-مارت ئىستانبۇلدىن پىيادە يولغا چىقىپ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئانىلار ئىستانبۇلدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 22-چېسىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر شۆبىسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئانىلار يەنە تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قېلىپ 25-چېسىلا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن بولسىمۇ، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ۋە ئەلچىخانا تەرىپىدىن قوبۇل قىلمىغانىدى.